شوخلا ۋە يېشىل چېچەكسەي راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

ھازىر راكقا تاقابىل تۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ ھەم مۇرەككەپ . ئەمما نۇرغۇن يېمەكلىك ئارىسىدا شوخلا بىلەن چېچەكسەينىڭ ئىستېمال قىلىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ .


بېيجىڭ ‹‹گۇاڭئەنمېن ›› دوختۇرخانىسى يېمەكلىك بىلەن داۋالاش – ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى ‹‹ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى›› مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا شوخلا بىلەن چېچەكسەينىڭ راكقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى ، دېدى . بۇلاردىن ئامېرىكا ئىللىنوئىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا شوخلا تەركىبىدىكى لىكوپننىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ، شوخلىنى چېچەكسەي بىلەن قوشۇپ يېگەندە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقى بايقالدى . ئىللنوئىس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جون ئايدمان : بۇ ئىككى خىل يېمەكلىكنى ئايرىم يېگەندە راكقا قارشى تۇرۇش كۈچى يۇقىرى بولىدۇ . ئەگەر بۇ ئىككىسىنى قوشۇپ يېگەندە ، ئۇلارنىڭ رولى تېخىمۇ تولۇق جارى بولىدۇ ، دېدى .


ۋاڭ يى مۇنداق دېدى : دۇنيادىكى نۇرغۇن سەھىيە تەشكىلاتلىرى تونۇشتۇرغان راكقا قارشى تۇرىدىغان ۋە ساغلاملىقنى ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر ئىچىدە شوخلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ . شوخلىنى خام يېگەندە ۋېتامىن c نى تولۇقلىغىلى بولىدۇ ؛ شوخلىنى پىشۇرۇپ يېگەندە شوخلىدىكى لىكوپىن مىقدارى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ . يېشىل چېچەكسەيدە فلاۋون ، ئانتوسىئانىن قاتارلىق ئوكسدلىنىشقا قارشى تەبىئىي ماددىلار بولۇپ ، راك ھۈجەيلىرىنى تىزگىنلەيدۇ .


شوخلا بىلەن يېشىل چېچەكسەينى تەڭشەپ يېيىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئۇسۇلى بار : بىرى ، سالات ياساپ يېيىش ؛ ئىككىنچىسى ، گۆشسىز قورۇپ يېيىش . سالات ياسىغاندا يېشىل چېچەكسەينى يالپاقلاپ ، قايناقسۇغا چىلاپلا ئېلىپ ، ئاندىن توغرالغان شوخلىغا ئازراق ئاچچىقسۇ ياكى زەيتۇن يېغى قۇيۇپ ، ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن يېسە بولىدۇ ؛ گۆشسىز قورۇغاندا قازانغا ئازراق ياغ قۇيۇپ ، ياغ قىززىغاندىن كېيىن توغرالغان يېشىل چېچەكسەي بىلەن شوخلىنى تەڭ سېلىپ بىر نەچچە قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ ، ئازراق تۇز سېلىۋەتسە تەييار بولىدۇ .



خەتكۈچلەر:
03-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek