جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرى (لەگلەك تورى تۇران تەرجىمىسى) تۈركىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا تۇنجى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاش شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاغۇست سائەت 17 دە ئاخىرلاشتى، دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ھازىرقى باش باقانى رەجەپ تايىپ ئەردوغان %53 بېلەتكە ئېرىشكەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۇچۇر بېرىشىچە، بۇ تۈركىيەنىڭ تۇنجى قېتىم زۇڭتۇڭ بىۋاسىتە سايلىمى بولۇپ، ئۈچ نامزات ئايرىم-ئايرىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئەردوغان، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى ۋە مىللىي ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ بىرلەشمە نامزاتى ئېھسانئوغلۇ ۋە خەلق دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتى دەرمىرتاش قاتارلىقلار. سايلامغا بېلەت تاشلاش شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە باشلانغان، 50 نەچچە مىليون ئامما بېلەت تاشلاشقا قاتناشتى.
تۈركىيە ئانادولو ئاگېنتلىقى 10-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 6:30 غىچە (ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 31:30 غىچە)، ئەردوغان دەسلەپكى بېلەت ئىستاتىستىكىسىغا %53 بېلەتكە ئېرىشكەن، ئېھسانئوغلۇ %38 بېلەتكە ئېرىشكەن، دەمىرتاش %8.35 بېلەتكە ئېرىشكەن. مېدىيەلەر ئەردوغاننىڭ غەلبە قىلىشى غەلبە بېلىتى قولىدا دېيىشكە بولىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved