ياپونىيە سۇ مەھسۇلاتلىرى نازارىتى 27-نويابىر جەنۇبىي قۇتۇپ دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىلمىي تەتقىقات خارەكتىرلىك كىت تۇتۇشنى قايتا باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇلتۇر 3-ئايدا خەلقئارا سوت ياپونىيىنىڭ جەنۇبىي قۇتۇپتا كىت تۇتۇش ھەرىكىتىنى «خەلقئارا كىت تۇتۇشنى باشقۇرۇش قانۇنى»غا خىلاپ دەپ قاراپ ئۇلارنىڭ كىت تۇتۇشىنى چەكلىگەن، بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە ئامالسىز كىت تۇتۇشنى توختاتقانىدى.
ئاۋىستىرالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ 7-دىكابىردىكى باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتى باشقا 32 دۆلەت بىلەن بىرلىكتە ياپونىيەنىڭ بۇ يىل جەنۇبىي تىنبچ ئوكياندا كىت تۇتۇش پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغان.
ئاۋىستىرالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىشوپ بۇ باياناتتا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ياپونىيەدىن خەلقئارا كىت تۇتۇش كومىتېتى ۋە مۇتەخەسىسلەر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى چىقارغان قارارغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىگىلىنىشىچە خەلقئارا كىت تۇتۇش كومىتېتى ۋە مۇتەخەسىسلەر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەمەلىيەتتە كىتلارنىڭ جېنىغا زامىن بولمايدىغان ئۇسۇل بىلەنمۇ ئۆزلىرىگە كېرەكلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، ياپونىيەنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نامىدا كىتلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىشوپنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيەنىڭ بۇ قېتىم كىت تۇتۇش پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەن ھەمدە ياپونىيىنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ھەرىكىتىگە داۋاملىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىت تۇتۇش كومىتېتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ كىتلارنى قوغداش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىدىكەن ھەمدە پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا سودا خارەكتىرلىك كىت تۇتۇشنى چەكلەشنى پائال تەشەببۇس قىلىدىكەن. بىشوپ يەنە ئۆزلىرىنىڭ باشقا ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەر بىلەن بىللە ياپونىيەنىڭ كىت تۇتۇشىغا قارشى خەلقئارا ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى، يەنە ياپونىيەنىڭ كىت تۇتۇشىنى چەكلەشنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش ئۈچۈنمۇ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 25-ماي، سىرىلانكا كولومبو، شۇ جايدىكى كەلكۈن چېكىنگەندىن كېيىن، خەلق ئاممىسى ئۆي-ماكانلىرىنى تازىلاپ، يىغىشتۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved