شى جىنپىڭ زىمبابۇۋى زۇڭتۇڭى مۇگابى بىلەن سۆھبەتلەشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-ئاۋغۇست خەلق سارىيىدا زىمبابۇۋى زۇڭتۇڭى مۇگابى بىلەن سۆھبەتلەشتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن زىمبابۇۋىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە مۇگابىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقى دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، بىز ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان، ئۆز ئارا چۈشىنىپ قوللاشقان قەدىناس دوستلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز. جۇڭگو زىمبابۇۋى بىلەن بىرلىكتە، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆز ئارا قوللايدىغان، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى دوست، ياخشى شېرىك، ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇشنى خالايدۇ.


شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو پىرىنسىپتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ھەققانىيەتنى ياقلايدۇ، زىمبابۇۋىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىكى ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، زىمبابۇۋى خەلقنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىدىغان پاراسىتى ۋە ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو زىمبابۇۋىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى تېرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، زىمبابۇۋىغا داۋاملىق قۇرۇلۇش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىدۇ، زىمبابۇۋى بىلەن ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا ئىگىلىككە مۇۋاپىق كېلىدىغان تېخنىكىلارنى يەتكۈزىدۇ ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ، زىمبابۇۋىنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتى ۋە يېزا ئىگىلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو زىمبابۇۋىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون، سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كانچىلىق، ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ زىمبابۇۋىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.


مۇگابى مۇنداق دېدى: زىمبابۇۋى ھازىر ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىك، سانائەت، كانچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە تېخىمۇ كۆپ مائارىپ ۋە سەھىيە شارائىتى ھازىرلاپ بېرىشكە تېرىشىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى مەزگىلدىكى ئۆزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. زىمبابۇۋى جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئادىل بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ ئافرىقىنى ھۆرمەتلەپ، ئافرىقىغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ھەقىقىي ياردەم بەرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.


سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە ئاشلىق، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا بىرلىكتە شاھىت بولدى.


سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا مۇگابىنىڭ شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.




خەتكۈچلەر:
27-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek