ئامېرىكا خەنزۇچە تورىنىڭ 21-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى ترامپ دېموكراتلار پارتىيەسى پرېزىدېنت نامزاتى ھىلارىنىڭ ئۆزىنى «IS نىڭ ئەڭ ياخشى ئادەم قوبۇل قىلغۇچىسى» دېگەنلىكىدىن كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلغان. بىراق، ھىلارىنىڭ سايلام ئۆمىكى 21-دېكابىر، ھىلارى ھەرگىز كەچۈرۈم سورىمايدۇ دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ترامپ ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «بۈگۈن» پروگراممىسىدا، ھىلارىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغان. ترامپ يەنە «ھىلارى ئېلخەت ۋەقەسىدە يالغان سۆزلىدى، ئاق سۇ سەتچىلىكىدە يالغان سۆزلىدى، ئۇ ھەممە ئىشتا يالغان سۆزلەيدۇ. ئەگەر ئۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولسا، ئۇ بىر ئاپەتكە ئايلىنىدۇ» دېگەن.
ھىلارى سايلام ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى فارون «ھىلارى ترامپنىڭ ئۆچمەنلىككە تولغان گەپ-سۆزلىرى ‹ئىسلام دۆلىتى› نىڭ تېخىمۇ كۆپ تېررورچىلارنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ دەپ كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىمايدۇ» دېگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ترامپ ھۆكۈمەت تېررورلۇق تەھدىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغۇچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى ۋاقىتلىق چەكلەشنى مۇراجىئەت قىلغان. 19-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىدە، ھىلارى ئامېرىكا «ترامپ پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلغان كەمسىتىش خاراكتېرلىق ئۇچۇرنى ئاڭلاشنى خالايدىغانلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېگەن. ھىلارى يەنە «ئۇ ئاللىقاچان IS نىڭ ئەڭ ياخشى ئادەم قوبۇل قىلغۇچىسىغا ئايلاندى. تېررورچى تەشكىلاتلار ترامپنىڭ ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى كەمسىتكەن فىلىمىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ رادىكال ئۇنسۇرلارنى قوبۇل قىلدى» دېگەن.
ترامپ قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «بۇ ھەپتە» پروگراممىسىدا، «مەن كىلىنتون ئەر-ئايالنى بەك چۈشىنىمەن، ھىلارىنى چۈشىنىمەن، ئۇ بىر ساختىپەز» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات مۇتەخەسسىسلىرى ھىلارى تىلغا ئالغان «IS كىشىلەرگە ترامپنىڭ ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلغان سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەزا قوبۇل قىلغانلىقى» نى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاقساراي ۋە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىمۇ ھىلارىنىڭ سۆزىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن سىرت، «ئىسلام دۆلىتى» ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرمۇ IS نىڭ ترامپنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىپ ئەزا قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭغا قارىتا، ھىلارنىڭ ئالاقە ياردەمچىسى Jen Palmieri چۈشەندۈرۈپ، «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ ترامپنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، بىراق، ھىلارىنىڭ تىلغا ئالغىنى «مەلۇم بىر كونكرېت سىن كۆرۈنۈش» نى كۆرسەتمەستىن، «IS ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنىڭ ترامپتىن پايدىلىنىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلىقى» نى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved