خەلقئارا بازادا نېفىت باھاسى 5-يانۋار شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ ھەر تۇڭ نېفىت باھاسى 50 ئامرىكا دوللىرىدىن تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇ باھا بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەكنى ياراتتى. ئامرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ ئىشىشى ۋە خام نېفىت ئىھتىياجىنىڭ شىددەت بىلەن ئىشىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەندىشىشىنى قوزغىدى. 5-يانۋار پاي سودىسى يىغشتۇرۇلدىغان ۋاقىتقىچە نىيويورك تاۋار سودىسى مەركىزىدىكى2015يىلى فېۋرالدا تاپشۇرۇلدىغان يىنىك نېفىتنىڭ قەرەرلىك نېفىت باھاسى 2.65 ئامرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى%5.03 يەتكەن .شۇ كۈندىكى پاي سودىسى باشلانغاندا ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 50ئامرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولدى.
سودا يىغىشتۇردىغان ۋاقىتتا بىراقلا 50ئامرىكا دوللىرىدىن تۆۋەنلەپ 49.95 دوللىرىغا چۈشۈپ قالغان. بۇ باھا 2009- يىلى ئاپرىلدىكى ئەڭ تۆۋەن باھانى ياراتقان، ئارقىدىنلا ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 50ئامرىكا دوللىرىدىن ئازراقلا ئېشىپ 50.4 ئامرىكا دوللىرىدا توختىغان. ھازىر نىيويوركدىكى خام نېفىتنىڭ قەرەرلىك باھاسى 2014-يىلى ئىيۇندىكى نېفىت باھاسى ھەر تۇڭى 107ئامرىكا دوللىرىلىق باھانىڭ يىرىمدىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ كەتكەن.
شۇكۈنى لوندوندىكى فېۋرالدا راسچۇت قىلىندىغان خام نېفىتنىڭ باھاسى 3.31 ئامرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ ھەر تۇڭ خام نېفىتنىڭ باھاسى 53.11 ئامرىكا دوللىرىدا توختىدى، تۆۋەنلەش نىسبىتى %5.87بولغان.2014-يىلىنىڭ ئوتتۇرىغا سېلىشتۇرغاندا يىرىم ۋاقت ئىچىدە خەلقئارادىكى ئىككى چوڭ نېفىت ئاساسىي ئۆلچەم باھاسى %50 تىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى. بۇيەنە 2008-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بەرگەندىن بۇيان خەلقئارا دا نېفىت باھاسىنىڭ زور نىسبەتتە تۆۋەنلىشى ھېسابلىنىدۇ. نېفىت ئىكسپورت دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا نېفىت بازىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ. بۇ تەشكىلات بۇلتۇر 11- نويابىر مەھسۇلاتنى كېمەيتمەييدىغانلىقىنى جاكارلاپ بازارنى ئۆزلىكىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرماقچى بولغان، يېقىندا نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەندىن كېيىن نېفىت ئىكسپوت دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يەنىلا مەھسۇلاتنى كىمەيتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
نېفىت ئىكسپورت دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدىكى مۇھىم خام نېفىت ئىشلەپچارغۇچى دۆلەت ئىراق دۆلەت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 5-يانۋار مۇشۇ ئايدىكى خام نېفىت ئىكسپۇرت مىقدارىنى كۈندە ئۈچ مىلىيون ئۈچ يۈز ئوتتۇز مىڭ تۇڭغا كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن. ئىراقنىڭ بۇلتۇر دىكابىردىكى خام نېفخت ئىكسپورت مىقدارى كۈندە ئىككى مىليون توققۇز يۈز قىرىق مىڭ تۇڭغا يىتىپ 1980-يىلدىكن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى ياراتقان ئىدى.
يېڭىدىن ئاشكارلانغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا روسىيەنىڭ 2014-يىلىدىكى نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 20 يىلدىكى يۇقىرى چەكنى يارىتىپ كۈندىكىلىك خام نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى ئون مىليون بەش يۈز سەكسەن مىڭ تۇڭغا يەتكەن، روسىيە ئېنىرگىيە مىنىستىرلىگى نوۋاگ ئالدىنقى ئايدا بۇ يىلمۇ 2014- يىلدىكى خام نېفىت مەھسۇلاتنى ساقلاپ قالدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا سىلانتس مىيى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئامرىكىنىڭ خام نېفىت مەھسۇلاتى سىجىل ئاشقان. ئامرىكا ئېنىرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسى بۇلتۇر 31- دېكابىر ئامرىكىنىڭ 26-دېكابىرغىچە بولغان شۇ ھەپتىدىكى خام نېفىت سانلىق مەلۈماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ئامرىكىنىڭ كۈندىلىك خام نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى توققۇز مىلىيون بىر يۈز يىگرمە مىڭ تۇڭغا يېتىپ تاراخدىكى ئەڭ يۇقىرى چەكنى ياراتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved