ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 1-بۆلۈمى 304-يول ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى جاڭ جۈن مۇنداق دېدى:«مەن تەڭرىتاغ تورىنىڭ مېھىرلىك پىدائىيلار ئەترىتىگە ئەزا بولۇپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە مۇلازىمەت قىلىمەن. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مەن شىنجاڭلىق، ھەمدە بىر پىدائىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزەمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن، شۇڭلاشقا بۇ مەزگىلدە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇشنى خالايمەن».
تىجارەت 1-بۆلۈمى 157-يول ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى لۇ شىنيۈ مۇنداق دېدى: «مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇسابىقە ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىدىلا ئۆتكۈزۈلىدۇ، شىنجاڭغا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ساياھەتچىلەر كېلىدىغان بولدى، ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىمىز. تەڭرىتاغ تورى ياسىغان پىدائىيلار مۇلازىمەت قوللانمىسى ناھايىتى قولايلىق ئىكەن، بىز ئىلگىرى تازا چۈشىنىپ كەتمىگەن مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئىگىلىشىمىزگە ياردەم بەردى».
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 3-بۆلۈمى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا تولۇق تەييارلىق قىلىپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ پىدائىي قوبۇل قىلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئۇققاندىن كېيىن، شىركەتتىكى بارلىق شوپۇرلار تەڭرىتاغ تورى ‹‹مېھىرلىك پىدائىيلار›› سېپىگە قوشۇلغان بولۇپ، ئۇلار بىردەك بارلىق شەھەر ئاممىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىدۈرۈشتى.
«ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىدىلا مەملىكەت خاراكتېرلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ھەربىر شىنجاڭلىق ئۈچۈن چوڭ خوشاللىق ئىش. ئاپتوبۇس شوپۇرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەڭرىتاغ تورى ‹‹مېھىرلىك پىدائىيلار›› قاتارىغا قوشۇلغانلىقىمىزدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمىز، ھەمدە قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز»، -دېدى 1-يول ئاپتوبۇس شوپۇرى لۇ يۇڭمېي ھاياجانلانغان ھالدا تورىمىز مۇخبىرىغا .
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved