ھىندىستاننىڭ پاسانكوت ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يەتتىگە يەتتى
«ئوربىتا تورى خەۋىرى» «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستانلىق بىر گۇرۇپپا ئۇرۇشقاق قوراللىق ئۇنسۇرلار (جاش مۇھەممەد گۇرۇپپىسىنىڭ ئادەملىرى دەپ گۇمان قىلىنماقتا) ھىندىستاننىڭ پاسانكوت ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يەتتە ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆتى قوراللىق ئۇنسۇر، ئۈچى ھىندىستاننىڭ ئەسكىرى ئىكەن.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىر نەپەر ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشى ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ جاش مۇھەممەد تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن.
جاش مۇھەممەد تەشكىلاتى ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا ھەرىكەت قىلىدىغان تەشكىلات ئىكەن ھەم ھىندىستاننىڭ كەشمىرنى كونترول قىلىشىغا قارشى ئىكەن. ھىندىستان ئىلگىرى بۇ تەشكىلاتنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قوللىغۇچىسىنى پاكىستان دېگەن، بىراق پاكىستان ھىندىستاننىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved