رەسىمدە بورىك ( سولدىكى ) ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى كارى
«قېرىماس بوۋاق» دەپ نام ئالغان 20 ياشلىق ئامېرىكىلىق قىز بورىك گىرىنبوگىر ئالدىنقى ھەپتە بۇ ئالەمدىن خوشلاشتى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، 20 ياشلىق بورىكنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 10 كىوگرامغىمۇ يەتمەيدىكەن. بويىنىڭ ئېگىزلىكىمۇ ئارانلا 0.76 مېتىر كېلىدىكەن، قىياپىتى پەقەت بىر ياشقا كىرگەن بوۋاققىلا ئوخشايدىكەن، ھەتتا كېتىشنىڭ ئالدىدىمۇ ئىزچىل بۆشۈك ئىچىدە ياشاىغانىكەن. ھازىرغىچە پەقەت بوۋاق چىشىلا چىققان بولۇپ گەپ قىلالمايدىكەن.بورىكنىڭ تاشقى قىياپىتىلا بوۋاققا ئوخشاش بولماستىن ئۇنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىمۇ بوۋاق ھالىتىدە توختاپ قالغان.
بورىك ئىلگىرى ئامېرىكىدى بەزى داڭلىق داۋالاش ئوۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلغان، بىراق داڭلىق تىببىي مۇتەخەسسىسلەر باشتىن ئاخىرى ئۇنىڭ بۇ غەلىتە كېسىلىگە دىئاگونۇز قويالمىغان، شۇڭا ئاخىرى مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ بۇ غەلىتە كېسىلىگە « X ئۇنۋېرسال كېسىلى» دەپ ئىسىم قويۇپ قويغان.
تىببىي مۇتەخەسسىسلەر بورىكنىڭ ھۈجەيرىسى ۋە DNA دىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەتقىق قىلىشنى باشلىغان،ھەمدە بورىكنىڭ بەدىنىدىن بىر خىل « گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىش» ھادىسىسىنى، يەنى بورىكنىڭ قېرىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىش ھادىسىسىنى بايقاپ چىقىشنى ئۈمىد قىلغان.
BBCئېنگىلىزچە خەۋەرلەر تورى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved