ئامېرىكىدا ياغقان بۇ قېلىن قار تۈپەيلى نەچچە يۈزلىگەن نۆۋەتلىك ئايروپىلان بىكار قىلىندى

   شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، بۇ يىلقى تۇنجى قار-بوران ئامېرىكا ئوتتۇرا غەرب رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ نەچچە يۈزلىگەن نۆۋەتلىك ئايروپىلان بىكار قىلىندى.

  ئامېرىكا خەنزۇچە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 21-نويابر ئەتىگەندە جەنۇبىي داكوتا شتاتى، مىننېسوتا شىتاتى جەنۇبىي رايونى، لوۋا شىتاتى، ۋىسكونسىن شىتاتى ۋە ئىللىنويىز شىتاتى پۈتۈنلەي ئاپئاق قارغا كۆمۈلۈپ ھۆكۈمەت قار تازىلاش ماشىنىسى ئورۇنلاشتۇرغان. چۈش بولغاندا ئىندىياننا شىتاتى ۋە مىچىگان شتاتىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قار يېغىشقا باشلىغان. ھاۋارايى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، قار-بوران 21-نويابر كەچتە كاناداغا يېتىپ بارىدىكەن.

شەنبە كۈنى چىكاگو ئوھارى خەلقئارا ئايروپىلان ئىستانسىسىدىكى قارنىڭ قېلىنلىقى 13.7 سانتىمېترغا يەتكەن بولۇپ 250 دانە نۆۋەتلىك ئايروپىلان بىكار قىلىنغان. ئوتتۇرا مۇساپىلىك خەلقئارا ئايرودرومىمۇ 150 دانە نۆۋەتلىك ئايروپىلاننى بىكار قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئايروپىلانلار كېچىككەن.

 دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسى گىئولوگىيە مۇتەخەسىسى تېررىي :«بۈگۈن تولىمۇ قىيىن بىر كۈن بولدى» دېدى.

تېررىينىڭ ئېيتىشىچە، مىننەتدارلىق بايرىمىدىن بۇرۇن ئوتتۇرا غەرب رايوندا قار يېغىشى نورمال ئىكەن، ئەمما بۇ قېتىمقى ياغقان قارنىڭ مىقدارى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. جەنۇبىي داكوتا شتاتى شەرقىي-جەنۇبى رايونىدا بىر كېچىدىلا 45.72 سانتىمېتر قېلىنلىقتا قار ياغقان، لوۋا شىتاتى ۋە ئىللىنويىز شىتاتىدىكى بەزى رايونلاردا قارنىڭ قېلىنلىقى 30 سانتىمېتردىن ئېشىپ كەتكەن.

تېمپراتۇرا تۆۋەنلىگەندىن كېيىن كەڭ كۆلەمدە قارنىڭ يېغىشى ئېنىق، جەنۇبىي داكوتا شتاتىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى تېمپراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 11.6 سېلسىيە گرادۇس ئىكەن. لوۋا شىتاتىدىكى Estherville شەھىرىنىڭ ئەتىگەندىكى تېمپراتۇرىسىلا نۆلدىن تۆۋەن 14 سېلسىيە گرادۇس ئىكەن.


11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىللىنويىز شىتاتى ئېلگىندە Al Frelk قاردا سەيلە قىلىۋاتاتتى. Al Frelk نىڭ دېيىشىچە ئۇ بۇ قارنىڭ يېغىشىغا توققۇز ئاي بۇرۇنلا تەلپۈنگەنىكەن.

11-ئاينىڭ 21-كۈنى جەنۇبىي داكوتا شتاتى سىيوكىستا Jim Paulson ئۆيى ئالدىدىكى قارنى تازىلاۋاتاتتى.

11-ئاينىڭ 21-كۈنى جەنۇبىي داكوتا شتاتى سىيوكىستا بىر ماشىنا قارغا قارىماي ئالدىغا قاراپ مېڭىۋاتاتتى.



خەتكۈچلەر:
23-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئۆتكەن يىلى ئېلىمىز تۆمۈر يول تىرانسپورتىدا توشۇلغان يولۇچى 2 مىليارد 500 مىليون ئادەم قېتىمغا، يۈك 3 مىليارد 360 مىليون توننىغا يېتىپ، ئورۇندالغان تىرانسپورت خىزمىتى م...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:     تاڭزۇڭزا چاغانلىق دەم ئېلىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مەنزىرە رايونلىرى ئاۋاتلاشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 27- ماي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىن قالغان بىر كونا ئايروپىلان نيۇيورك بىلەن يېڭى جېرسىي شىتاتى ئارىسىدىكى خادىسۇن دەرياسىغا چۈش...
27-05-2016
     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا سىناق ئىشلىتىشكە كىرىشىدىكەن. ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئۇنىۋېرسال قاتن...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     يېقىندا ئېچىلغان 19- قېتىملىق جۇڭگو بېيجىڭ پەن-تېخنىكا يەرمەنكىسىدە «ئاپتوبۇس مېتىرو» دەپ ئاتىلىدىغان جۇڭگو ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساپ چى...
27-05-2016
   يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
27-05-2016
ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا نىسسان ئورگان تەرەپ NV300 نىڭ تەشۋىقات سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، يېڭى ماشىنىنىڭ ئورۇن بەلگىلىنىشى ھازىرقى NV200 دىن سەل يۇقىرى بولىدۇ ھەمدە رىنائۇلى...
27-05-2016
تىنچ ئوكيان ئاپتوموبىل تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ شاڭخەي ۋولكسۋاگېندىن ئىگەللىشىچە، سانتانا  Cross نۇسخىسى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلىدىغان تەييۈەن ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىدە تۇنجى ئېلان ...
27-05-2016
بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا تاراتقۇلار ئەڭ يېڭى جىلى SUV تىپى NL-4 نىڭ ئاشكارىلانغان نىقابسىز سۈرىتىگە ئېرىشتى. بۇ ماشىنىدا جىلىنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھە تىلى قوللىنىلغان، جىلىنىڭ يېڭى لوگ...
27-05-2016
    ھىندىستان دۇنيا بويىچە ئىككىنچى نوپۇسى كۆپ دۆلەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، باي-نامراتلىق پەرقى بەك چوڭ. ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى - تاتا گۇرۇھى نامراتلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ خۇسۇسى...
Powered by Leglek