ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كاتنىڭ راك ھۈجەيرىلىرى چوڭ مېڭىگە تارقالدى
شىنخۇا تورى . ۋاشىنگتون . 20-ئاۋغۇست خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جىممى كاتنىڭ 20-ئاۋغۇست ئېيتىشىچە، راك ھۈجەيرىسى ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىگە تارقالغان بولۇپ، ئۇ شۇ كۈندىن باشلاپ داۋالاشنى قوبۇل قىلماقچى بولغان.
كاتنىڭ شۇ كۈنى ئاتلانتادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا ئېيتىشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىدە قارا رەڭلىك ئۆسمىنىڭ بارلىقى بايقالغان، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاپ كەتكىنىنى بايقىمىغان. ئىگىلىنىشىچە، 3-ئاۋغۇست كاتنىڭ جىگىرىدىكى ئۆسمە ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، راك ھۈجەيرىسى ئۇنىڭ چوڭ مىڭىسىگە تارقالغان. لېكىن ھازىرغىچە راك ھۈجەيرىسىنىڭ قەيەردىن تارقالغانلىقى ئېنىقلانمىغان.
كاتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ بىرقانچە ھەپتىلىك ئۆمرى قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، قولىدىكى خىزمەتنى قويۇپ، مۇھىم نۇقتىنى كېسەل داۋالىتىشقا قارىتىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved