ئوباما: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگنتىلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 27-سېنتەبىر كەچتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارا تەنلىك پارلامنت ئەزالىرى كېڭىشىنىڭ يىللىق مۇكاپاتلاش مۇراسىمىي نەق مەيدانىدا قارا تەنلىك ياش بىروۋىننىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىق ئىشىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ ۋەقە ئامېرىكا خەلقىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە يامان تەسىر پەيدا قىلدى. خەۋەرگە قارىغاندا، ئوباما مۇنداق دېگەن: بۇ خىل قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىشەنمەسلىك ۋە گۈمانلىنىش ساداسى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارغا بەك ئېھتىياجلىق بولغان مەھەللەرگە زىيان يەتكۈزدى. ئوباما مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا: دائىرلەر بۇ يىل يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەت ئەۋلادىتىن بولغان ياش ئەرلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ياشىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ياردەم بېرىش تۈرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved