ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىكنى قوغداش شەرتنامىسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ مەھسۇلى
بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ياپونىيە 4-ئاينىڭ 25-كۈنى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ ،ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش شەرتنامىسىنى ياپونىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بارلىق رايونلارغا جۈملىدىن دىياۋ يۈ ئارىلىغا تەتبىقلايدىغنالىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى .باياناتتا يەنە شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئەسىنى پەرقلەندۈرۈش رايونى ھەمدە جەنۇبىي دېڭىز تالاش تارتىشى توغرۇلۇق ئوبزور بېرىلدى .
دىپلوماتىيە مىنىسترلقىمىزنىڭ باياناتچىسى چېن گاڭ ،4-ئاينىڭ 25- كۈنى ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش شەرنامىسىدىن پايدىلىنىپ، گوروھ سىياسىسىنى كۈچەيتىشى ، زامانغا ماس كەلمەستىن يەنە ، خەلقئارا ئاساسىي مىزانىغىمۇ خىلاپ دەپ كۆرسەتتى .ئۇ مۇنداق دېدى :‹ ئامېرىكا ياپونىيە قوشما باياناتىدىكى بەزى مەزمۇنلارغا بەكلا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز ،بەزى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ ، باشقا دۆلەتلەرگە خالىغانچە قول شىلتىش ،مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي ،رايون مۇقىملىقىغىمۇ پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ ،دىياۋ يۈ ئارىلى جۇڭگونىڭ زېمىنى ،ئامېرىكا ياپونىيەنى قوغداش بىخەتەرلىك شەرتنامىسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىنىڭ مەھسۇلى ،دىياۋ يۈ ئارىلنىڭ جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ›.
چېن گاڭ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى ،شەرقىي جەنۇپ ھاۋا مۇداپىئەسىنى تەسىس قىلىشقا جۇڭگو ئىگىلىك ھوقۇق دۆلىتى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ،ھەقلىق ھوقۇققا ئىگە . بۇ خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئادەتكە تامامەن ئۇيغۇن .جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ.تۈپ نېگىزىدىن ئالغاندا ، ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىكنى قوغداش شەرتنامىسىدىن پايدىلىنىپ گۇرۇھنى كۈچەيتىش ،ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ .زامانغا لايىق بولمايلا قالماي ، يەنە خەلقئارا ئاساسىي قانۇن مىزانىغا خىلاپ .21ئەسىرگە كىردۇق ، تىنىچ تەرەققىيات ،ھەمكارلىشىپ نەپ يەتكۈزۈش ، ئاسىيا تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ،شۇنداقلا مۇشۇ يەردىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى .
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 25-چېسلا ياپونىيىدىكى زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇردى .
ئامېرىكا ياپونىيە قوشما بايانات ئېلان قىلىپ ،ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش شەرتنامىسىگە ئاساسەن ، دىياۋ يۈ ئارىلىغا قارىتا مۇداپىئە مەجبۇرىيىتى بار ، بۇ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى باشلىقلار ھۆججىتى بۇلۇپ ، بىخەتەرلىكنى قوغداش شەرتنامىسى دىياۋ يۈ ئارىلىغا تەتبىقلىنىدىغانلىقى ئېنىق بېكىتىلگەن دەپ كۆرسەتتى . بىرلەشمە ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى :‹ئامېرىكا مۇداپىئە مەجبۇرىيتىگە ئىگە دەپ بەلگىلەنگەن ئامېرىكا ياپونىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش شەرتنامىسى دىياۋ يۈ ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياپونىيە ھۆكۈم يۈرگۈزۈۋاتقان بارلىق رايونلارغا تەتبىقلىنىدۇ ›. ئاخباراتتا ئاساسسىزلا دارىتمىلاپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى :جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز رايونىدا ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى تەسىس قىلغانلىقىدەك ھەرىكىتى رايون جىددىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە ئارقىلىق ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونىدا جۇڭگونى ئىسكەنجىگە ئېلىش مەقسىتىنى ئەكىس ئەتتۈردى .بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا يەنە ياپونىيىنىڭ كولېكتىپ ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا ياپونىيە باشلىقلىرىنىڭ سۆھبىتىدە مۇھىم بولغان تىنىچ ئوكياندىن ھالقىغان ئىستىراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى يەنى TPPماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىدى ،شۇڭا باياناتتا سۆھبەتتە يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر بار دەپ ئېتىراپ قىلدى .بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە TPPسۆھبىتىدە ئۆزئارا يول قويمىغاچقا ئوبامانىڭ زىيارىتى ئويلىغىنىدەك ئەڭ چوڭ نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى ،شۇ سەۋەبتىن 24- چېسلا بېكىتىلگەن بىرلەشمە بايانات 52-چېسلا كېچىكتۈرۈلدى .ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى كاتو ئىنو جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يېقىندا ، ئامېرىكا دۆلەت مەنپەتنى قەرەللىك ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى :‹ۋاشىنگىتون جۇڭگو ۋە روسىيىگە قاراتقان دىپلوماتىيە ئىستىراتېگىيسىدە خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرماقتا.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ، ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved