ئاپتوموبىل ھەيدىگەچ يان تېلېفون ئوينايدىغان شوپۇرلار كۆپەيمەكتە

جىياڭشى ئاخبارات تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئەقلى ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىشقا ئەگىشىپ ،ئوخشىمىغان ۋاقىت ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئەقلى ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ ئوينايدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە . ھەتتا ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقان شوپۇرلارمۇ يان تېلېفون ئوينايدىغانلار توپىغا قوشۇلۇپ كەتتى .


گاۋ xx جىياڭسۇدىكى مەلۇم تاشيول ترانسىپورت شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئاپتوموبىلنى ھەيدەيدىغان شوپۇر ،بۇ يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:00دىن ئاشقاندا گاۋ xx ھەيدىگەن يولۇچىلار ئاپتوبۇسى نىڭلى لىنىيىسىگە بىر كىلومېتىر قالغاندىكى تۆت كوچىغا كەلگەندە ،ۋېلىسىپىت مىنگەن بوۋاي ئاپتوبۇسقا سوقۇلۇپ ،ئون نەچچە مېتىر يەرگە قاڭقىپ كەتكەن .ھەمدە نەق مەيداندا قازا قىلغان . شوپۇردىن :‹ ئۇنى كۆرمىدىڭىزمۇ ؟›دەپ سورالغاندا ،‹ئۇنى كۆرگەندە تورمۇز دەسسەشكە ئۈلگۈرەلمىدىم ›دېگەن . ئاپتوبۇسنىڭ يول يۈرۈش تېزلىكىنى خاتىرىلەيدىغان سائەتتە كۆرسىتىلىشىچە ،ھادىسە 8:10 ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بۇلۇپ شوپۇر قىسقىغىنە يەتتە مىنۇتتا تېلېفونغا 39 قېتىم قارىغان .شوپۇر ئاپتوبۇس ھەيدەپ كېتىۋېتىپ چاپىنىنىڭ سول يانچۇقىدىن يان تېلېفوننى چىقىرىپ يان تېلېفون ئوينىغان ھەمدە رولنى قۇيۇۋەتكەن .

گاۋ xx تۆت قېتىمدىن ئارتۇق رولنى قۇيۇۋېتىپ يان تېلېفون ئوينىغان ،ئەڭ كۆپ ئوينىغان ۋاقتى بىر مىنوت ئۈچ سىكونىتقا يەتكەن .گاۋ xx يان تېلېفوننى تۆتىنچى قېتىم قولىغا ئالغاندا رولنى بىر قولى بىلەن تۇتقان .ئاندىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ،ئىككى قولى بىلەن يان تېلېفون ئوينىغان .26 سېكونت ئوينىغاندىن كېيىن پاجىئە يۈز بەرگەن .يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن ،گاۋ xxنى A1ھەيدەش پراۋىسى بىكار قىلىنغان ،ھەمدە ئىككى يىلغىچە ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ .شۇنداقلا گاۋ xx قاتناش ھادىسىسىگە چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان .


گاۋ فامىلىلىككە ئوخشاش ھاياتى بىلەن ئوينىشىپ ،يان تېلېفون ئوينايدىغانلار ئاز ئەمەس .2013-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى خاڭجۇ قولتۇقىدىكى دېڭىز ھالقىغان كۆۋرۈكتە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى ئاپتوبۇس ھەيدىگەچ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يان تېلېفون ئوينىغان ،ئۇ ئالدى تەرەپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ يول يۈرۈش ئەھۋالىغا دىققەت قىلمىغاچقا بىر يۈك ئاپتوموبىلغا سوقۇلۇپ قولى ۋە پۇتى يارىلانغان . ئالدىدىكى يولۇچى يېنىك يارىلانغان .مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تراگېدىيە 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ۋۇشى بۆلىكىدە يۈز بەرگەن .بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى جياڭسۇ جىڭجىياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ،ئەينى چاغدا يولدا ئاپتوموبىللار ئانچە كۇپ ئەمەس بۇلۇپ يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئاپتوموبىللار تەكشى تېزلىكتە ماڭغان ،شوپۇر ئىزچىل يان تېلېفونغا قاراپ ،ئالدى تەرەپتىكى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلمىغان .كۆرۈنۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە يول بويىدا بىر يۈك ئاپتوموبىلى توختىتىپ قۇيۇلغان بۇلۇپ ،ئىككى ئاپتوموبىل قاتتىق سوقۇلغان ،ياك ئاپتوموبىلى ئىچىدىكى بىر يولۇچى كابىنكىدىن چىقىپ كېتىپ سۇغا چۈشۈپ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغان .


بىر قىسىم ھەيدىگۈچىلەر ئاپتوموبىل ھەيدەش جەريانىدا خالىغانچە تېلېفوندا سۆزلىشىدۇ ،ئۈندىدار بىلوگ كۆرىدۇ .يان تېلېفوننى رولغا مۇقىملاشتۇردىغان ئەسۋابنى بەس -بەستە سېتىۋالىدۇ .ئاپتوموبىل ھەيدەشتىكى سىرلىق ئەسۋاپ دەپ ئاتالغان بۇ نەرسە زادى سىرلىق ئەسۋاپمۇ ياكى قاتىللىق قورالىمۇ ؟بۇ قۇرۇلمىنى ئورناتقاندا شوپۇرلارغا ئۇچۇر كەلگەندە ،ئىختىيارسىز ھالدا قارايدۇ بولۇپمۇ خەت ئۇچۇر كەلگەندە ئېڭىشىپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ ،بۇنداق ئەھۋالدا ئاپتوموبىل پۈتۈنلەي كونترولسىز ئەھۋالدا بولىدۇ ، بۇنداق قىلىش تېلېفون قۇبۇل قىلغاندىنمۇ خەتەرلىك .ئاپتوموبىل ھەيدىگەچ يان تېلېفونغا قارايدىغانلار ئازايدىمۇ ؟ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى كەچلىك خەۋەرلەر ئۈندىدارى ،ئابونتلار تېرمىنالىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بۇلۇپ ،شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشكىچە مىڭغا يېقىن ھەيدىگۈچى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان .

سانلىق مەلۇماتىدا مەلۇم بۇلىشىچە ،ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يان تېلېفونغا قارايدىغانلار 60 % ئاشىدىكەن .تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولۇشىچە ھەيدىگۈچىلەر ئاپتوموبىل ھەيدىگەچ قىسقا ئۇچۇر يوللىغاندا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى نورمال ئەھۋالدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا 23 ھەسسە يۇقىرى بولغان .ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ۋاقىتتا قىسقا ئۇچۇر يوللىغان ھەيدىگۈچىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ئەھۋالى نورمال ئەھۋالدىكىدىن 35% ئاستا بولىدىكەن .ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ھەيدىگۈچىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى 21 % ئاستا بولىدىكەن .

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
27-10-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
12-01-2016
      11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چا...
11-01-2016
     ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
11-01-2016
    دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     «بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
Powered by Leglek