بىرقانچە كۈن بۇرۇن روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۈچ سائەت داۋاملاشقان يىللىق مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن چىقىش ئېغىزىدا مۇخبىرلار تەرىپىدىن ئورىۋېلىندى. بىر مۇخبىر پۇتىنغا ناھايىتى ئوخشايدۇ دەپ ئېيتىلغان كىشىنىڭ سۈرىتىنى پۇتىنغا بەرگەندىن كېيىن پۇتىن سۈرەتنى قولىغا ئېلىپ بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن كۈلۈپ مۇتلەق ئىنكار جاۋابنى بەردى. سۈرەتنى پۇتىن ئېلىپ كەتتى، ئۇنداقتا سۈرەتتىكى كىم؟ بىز ئۇنى بىلمەيمىز، گەرچە شۇنداق بولسىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بىرىنچى بولۇپ بىر كىشىنىڭ ئىسمىنى يادىغا ئالدى: ئاناتولى گوربۇنوۋ. گوربۇنوۋنىڭ چىرايى پۇتىنغا ناھايىتى ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزىلەر ئۇنى پۇتىنىڭ رولىنى ئالغۇچى دەپ قارىغان.
ئىگەللىنىشىچە گوربۇنوۋ روسىيەنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىكەن، ئۇنىڭ شۇ يەردە بىر تېلېۋىزىيە شىركىتى ۋە رادىيو ئىستانسىسى بار ئىكەن. ياش جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇ زۇڭتۇڭ پۇتىندىن 11 ياش كىچىك ئىكەن، لېكىن تۇرقى پۇتىننىڭ «كۆچۈرۈلمە»سىگە ئوخشايدىكەن. ئىگەللىنىشىچە، غەيرىي رەسمىي سورۇندا بۇ كىشىنى كۆرگەن زۇڭتۇڭ بىخەتەرلىك خادىملىرىمۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشايدىغانلىقىدىن چۆچۈپ كەتكەن.
ئۇ ئەڭ زۇڭتۇڭغا ئوخشىتىلىپ قالىدىغان جاي موسكۋا. بىر كۈنى كەچتە گوربۇنوۋ دوستى بىلەن موسكۋادا سەيلە قىلىۋاتقاندا ئۇنى خاتا تونۇپ قالغان بىر توپ كىشىلەر ئۇنى ئورىۋالغان. گوربۇنوۋ خاتالىقنى داۋاملاشتۇرۇپ چاندۇماي ئۇلار بىلەن چاقچاقلاشقان ھەمدە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرتىپى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرۇلۇق پاراڭلاشقان.
مەيدان جىمجىتلىققا چۆمگەن، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ قالغان ئامما «زۇڭتۇڭ»نىڭ ھەربىر ئېغىز گېپىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاشقا تىرىشقان. ئاخىرىدا بىر ئادەم تاقەت قىلالماي، ھۆرمەت بىلەن:«ۋىلادىمىر ۋىلادىرىموۋىچ (روسىيەلىكلەرنىڭ پۇتىننى ھۆرمەت بىلەن ئاتىشى)، بۇ سىزمۇ؟» دەپ سورىغان. گوربۇنوۋ گېربۇنوۋ قولىنى ئاغزىغا تۇتۇپ، سىرلىق ھالدا:«بۇ مەن، لېكىن ھېچكىمگە دەپ قويماڭ» دېگەن.
ئۇ «ئەخمەق» قىلىپ باققان كىشىلەر پەقەت ئادەتتىكى ئاممىلا ئەمەس، يەنە بىر قىسىم ئەمەلدارلارمۇ بار. داڭلىق شەخسىلەرمۇ گوربۇنوۋنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەن. ئۇنىڭ ئالاھىدە «زۇڭتۇڭ ئۈنۈمى» بولغانلىقى ئۈچۈن گوربۇنوۋ ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىلىرىغا توختىماي چىقىپ تۇرغان. بىر قېتىم ئۇ «روسىيە رادىيو خانقىزى» پوگراممىسىنىڭ باھالاش رەئىسى بولغان. پروگرامما نەق مەيدانى ئادەم بىلەن تولغان بولۇپ، ئارىلىقتا رىياسەتچى تىترىگەن ئاۋاز بىلەن:«زۇڭتۇڭ پۇتىن يەرلىكتە ۋاقتىلىق دەم ئالدى ھەمدە پروگراممىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلدى» دېگەن. روسىيە دۆلەت ناخشىسىغا ئەگىشىپ، گوربۇنوۋ گېربۇنوۋ سەھنىدە پەيدا بولغان، نەق مەيداندىكى ھەممە ئادەم ھاڭ-تاڭ قالغان. يەرلىك ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار كەينى-كەينىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ «زۇڭتۇڭ»نى كۈتىۋالماقچى بولغان. شۇندىلا رىياسەتچى ئۆزى سىرنى يېشىپ :«سەھنىدىكى زۇڭتۇڭ يالغان» دېگەن. لېكىن ئەمەلدارلار خېلى ئۇزۇنغىچە ئەسلىگە كېلەلمىگەن، بۇنىڭ پەقەت بىر چاقچاق ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەن.
ئۇنىڭ ئالاھىدە چىراي شەكلى بولغانلىقى ئۈچۈن گوربۇنوۋنىڭ دوستلىرى ئۇنى پارلامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلغان. لېكىن گوربۇنوۋ سىياسىيغا قىزىقمىغان، گوربۇنوۋنىڭ ئارزۇسى ھوللىۋودقا بېرىپ تەلەي سىناش، فىلىملەردە پۇتىننىڭ رولىنى ئېلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تېلېۋىزىيە شىركىتى ئۈچۈن ئازراق پۇل تېپىش.
ئىگەللىنشىىچە، گوربۇنوۋ ئىلگىرى پۇتىن بىلەن ئالاقە قىلىشنى سىناپ باققان، لېكىن ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن. پۇتىننىڭ 50 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە گوربۇنوۋ دوستلىرى بىلەن بىر كونا پاسوندىكى گېرمانىيە داڭلىق ماشىنىسىنى ئۆزگەرتىپ پۇتىنغا سوۋغات قىلماقچى بولغان. بۇنىڭ بىلەن گوربۇنوۋ زۇڭتۇڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە قاتارلىق ئالاقىدار ئورگانلارغا خەت يازغان، لېكىن ئىزچىل جاۋاب خەت تاپشۇرۇپ ئالمىغان.
ئەمەلىيەتتە گوربۇنوۋ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ پۇتىن بىلەن ئوخشاشلىق دەرىجىسىنى مۇبالىغە قىلىۋېتىلدى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ گېپى بويىچە ئۇنىڭ بىلەن پۇتىن بىلەن ئوخشايدىغان يېرى پەقەت ئىككىلىسنىڭ ئىككى قىزى ۋە بىر قارا ئىتىنىڭ بولغانلىقىدا خالاس.
![]() |
يېقىندا كېنەز كەيت مىدىلتون ئەنگىلىيە نۇسخىسىدىكى «Vogue» نىڭ 6-ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 100-يىللىق سانىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىقتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved