جۇڭگو ئاخبارات 5- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدىن گېرتسىيەگە بارغان ھەر 10 ئادەمنىڭ بىرسىلا ئۇرۇش ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچراش سەۋەبىدىن بۇ يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، بۇ ھەقىقىي مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىنى قىيىنلاشتۇرىۋەتكەن.
گرېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋىتساس مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ناۋادا بىز ئافغانىستانلىقلارنى مۇساپىر ئەمەس بەلكى كۆچمەن دەپ قارىساق، بۇ كىشىلەرنىڭ %90 تى كۆچمەن. نۆۋتتە بالقان يېرىم ئارىلى بويىدىكى دۆلەتلەر پەقەت سۇرىيەلىك ۋە ئىراقلىق كىشىلەرنىڭلا چېگرىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. باشقا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ياۋروپاغا بارماقچى بولغان كۆچمەنلەر دەپ قارىلىدۇ.
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە پۈتكۈل گرېتسىيەدە 320 مىڭ كۆچمەن بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت گرېتسىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەر ئىدمونىدىلا 12 مىڭ كۆچمەن بار ئىكەن. ماكىدونىيە ھەر كۈنى پەقەت نەچچە يۈز مۇساپىرنىڭ غەربىي ياۋروپاغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلغاندىن بۇيان، بۇ مۇساپىرلار گرېتسىيە چېگرىسى ئىچىدە تۇرۇپ قالغان. ۋاقىتلىق كېڭەيتىپ قۇرۇلغان لاگېرلارمۇ ئادەملەر بىلەن توشۇپ كەتكەن، كېچىدىكى سوغۇق ھاۋا ۋە يامغۇر لاپاس ئىچىدە كېچىنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان كىشىلەرنى تۈنەپ چىقىشقا مەجبۇر قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved