پايدىلىنىش خەۋەرلەر تورى 4- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن ئابدۇسالام تەرجىمىسى
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› تەشكىلاتى بانكا باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىلا تاشقى پېرىۋوت بازىرى ئويناپ نەچچە ئون مىليون ئۇرۇش مەبلىغى پايدا ئالغان.
ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› تور بېكىتىنىڭ 2-مارت خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلار 2014- يىلى ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنى ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن شۇ يەردىكى بانكىلارنى بۇلاپ ئېرىشكەن دوللارلارنى قانۇنلۇق ئوتتۇرا شەرق پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا كىرگۈزۈپ، بىر ئايدىلا 20 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئالغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ئارقىدىن پۇل مەبلىغى ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ زور پايدا ئالغان ھەمدە ئىراق ۋە ئىئوردانىيەنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ئارقىلىق بۇ پايدىلارنى ئۆز قولىغا قايتۇرۇپ كەتكەن.
بۇ ھىيلىنىڭ تەپسىلاتى ئەنگىلىيە تۆۋەن پالاتاسى دىپلوماتىيە ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئاشكارىلانغان بولۇپ،
دىپلوماتىيە ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ئەنگىلىيەنىڭ ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› تەشكىلاتىنىڭ مەبلەغ توپلاش ھەركەتلىرىدىكى رولىنى ئېنىقلاش ئىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىن ئىگەللىشىچە 2014- يىلى مەزكۇر تەشكىلات مۇسۇلنى ئىشغال قىلغاندا، ئۇنىڭ مەركىزى بانكىسىنىڭ تارماق ئورگىنىدىن 429 مىليۇن دوللار مەبلەغكە ئېرىشكەن بولۇپ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ پۇل مۇئامىلە مەسئۇل خادىمى مۇشۇ پۇل ئارقىلىق خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا مەبلەغ سالغان. بۇنىڭدىن باشقا ئىراق ھۆكۈمىتى مەزكۇر رايۇندىكى مەمۇرلارغا ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى بېرىۋاتقان بولۇپ بۇ پۇللارمۇ‹‹شا ئىسلام دۆلىتى››تەشكىلاتىنىڭ قولىغا چۈشىدىكەن.
دىپلوماتىيە ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى جون. بالۇن مۇنداق دېگەن: ‹‹ شام ئىسلام دۆلىتى››تەشكىلاتى بۇلاپ كەتكەن نەق پۇل ۋە تارتىۋالغان ياشانغانلار كۈتىنىش پۇلىنىڭ ھەممىسى ئىئوردانىيەنىكى ھەرقايسى بانكىلارغا كىرگۈزۈلۈپ، باغدات ئارقىلىق خەلقئارا پۇل- مۇئامىلە سېستىمىسىغا قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىنى ‹‹شام ئىسلام دۆلىتى›› تەشكىلاتىنىڭ پۇل تېپىش قورالىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئۇلار تاشقى پېرىۋوت مەشغۇلاتى ئارقىلىق پايدا ئالغاندىن كېيىن پۇللىرىنى قايتۇرۇپ كېتىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved