جۇڭگو ئاخبارات تورى 5- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ھىندونېزىيە سىياسەت، قانۇن ۋە بىخەتەرلىكىنى بىر تۇتاش پىلانلاش مىنىستىرى لوخۇت نەچچە كۈن ئىلگىرى ھىندونېزىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبسىتان باشچىلىقىدىكى ئىسلام ئەللىرى ھەربىي ئىشلار ئىتتىپاقىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھىندونېزىيە سودا گېزىتى 5- مارت لوخوتنىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن: نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرى مەزكۇر تەشكىلاتقا كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى، ئەمما ھىندونېزىيەنىڭ بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىشقا ئاساسى يوق، چۈنكى ھىندونېزىيەنىڭ ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچى بار ھەمدە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە ئۈلگە بولالايدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: تېررورىزىمنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى، مەسىلەن، « شام ئىسلام دۆلىتى » مەسىلىسىدە ھىندونېزىيە كۆپچىلىككە ئەگىشىپ زوراۋانلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى خالىمايدۇ، ھىندونېزىيە يۇمشاق ۋاستە بىلەن يېقىنلىشىشنى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ھىندونېزىيە ئىقتىساد ۋە مۇسۇلمان ئاھالىلەرنىڭ سانى جەھەتتەئىسلام دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدىكىئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ھىندونېزىيە ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوتتۇرسىدىكى مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى قارايدۇ. ھىندونېزىيەنىڭ ئۇ بۇ ھەربىي تەشكىلاتقا قاتنىشىشقا ئاساسى يوق، باشقا دۆلەتلەر بىزگە ئەگىشىشى كېرەك، چۈنكى بىزنىڭ دۆلىتىمىز ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved