ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا پارچىلىنىش يۈز بەرگەنلىكتىن، مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئۇنداقدا بۇ قېتىمقى سايلامدا كىم غەلىبە قىلىدۇ.؟ بۇنى يەنىلا كۈزۈتىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئىسرائىلىيە پارلامېنت سايلىمى 17-مارت ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا سول قاناتلار پارتىيەسى ئىتتىپاقى بولغان يەھۇدىي تىرىلمىچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قوللاش نىسبىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان لىكود گۇرۇھنىڭكىدىن بىر ئاز ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان، ئەگەر ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قالسىلا، بۇ ئىتتىپاق بۇ قېتىمقى سايلامدا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن پارتىيەگە ئايلىنىپ، كابېنت تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئېرىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئوتتۇرا سول قاناتلار پارتىيەلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئاۋازغا ئېرىش ئەھۋالى ياخشى، بىراق ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كابىنېت تەشكىللىشى يەنىلا بۇ ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا ۋە كېچىك پارتىيەلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىگە باغلىقكەن. بۇ ئىتتىپاق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كابىنېت تەشكىللەپ قالىدىغان بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولىدىكەن.
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ رەھبەرلىكىدىكى لېكوت گۇرۇھى 2013-يىلى 1-ئايدىكى پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كىيىن، ئوتتۇرا سولچىلار ھەرىكەت پارتىيەسى بىلەن كەلگۈسى پارتىيەسى ھەمدە بىر قىسىم ئەسەبىي ئوڭ قاناتلار پارتىيەسى بىلەن بىرلىشىپ كابىنېت تەشكىللىگەن. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن توقۇنۇشى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىدا زور پەرق ساقلانغانلىقى ئۈچۈن، بىرلەشمە كابىنېتىنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇپ، بىر مەزگىل كابېبتنىڭ بىر قانچە ھەپتە يىغىن ئاچالماسلىقىدەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. نىتانىياخۇ 2014-يىلى 12-ئاينىڭ باشلىرى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ئەدلىيە مىنىستىرى لىفنى بىلەن كەلگۈسى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، مالىيە مىنىستىرى راپىدنى ۋەزىپىسىدىن ئىلىپ تاشلاپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشنى جاكارلىدى.
سايلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، لېكوت گۇرۇھى ئەل رايىنى تەكشۈرۈشىدە خېلىلا ئۈستۈن تۇرغانلىقتىن، تاراتقۇلار نىتانىياخۇ 4-قېتىم زۇڭلى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى، بىراق لېكوت گۇرۇھىنىڭ ئەۋزەل ۋەزىيىتى ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن ھەرىكەت پارتىيەسى بىرلەشكەندىن كىيىن ناھايىتى تېزدىن بۇزۇپ تاشلاندى.
پارلامېنتتىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان ئىشچىلار پارتىيەسى ئۆتكەن قېتىملىق سايلامدا سول قانات گۇرۇھى پارتىيەسىنىڭ پارچىلىنىشتەك ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، ھەرىكەت پارتىيەسى بىلەن يەھۇدىي تىرىلمچىلىرى ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ، ئىچكى سىياسەت جەھەتتە ئىقتىساد، جەمئىيەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تېمىلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىدى، دىپلوماتىيە جەھەتتە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە يېتىم قىلىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى. يەھۇدىي تىرىلمىچىلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا ۋە سولچىلار لاگېرىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتىنى ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتە ئىزچىل تۈردە لىكود گۇرۇھىنىڭ كۈچلۈك رەقىبىگە ئايلاندۇردى، يېقىندىن بۇيان بىر ئاز ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.
سايلامغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، قاتتىق قوللۇق جەھەتتە داڭقى چىققان نىتانىياخۇ يېقىندا يەنە يېڭى ئويۇن ئويناپ، ئامېرىكا ئاق سارىيىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، يادرو مەسىلىسىدە ئىران بىلەن مۇرەسسەلىشىشكە قارشى تۇردى. بىراق لىكوت گۇرۇھىنىڭ قوللاش نىسبىتى بۇ قېتىمقى نۇتۇق بىلەن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كەلتۈرۈلمىدى.
بۇ قېتىمقى سايلامدا جەمئىي 26 پارتىيە پارلامېنتتىكى 120 ئورۇننى تالىشىدۇ، ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، 11 پارتىيە قانۇندا بەلگىلەنگەن%3.25 ئاۋازغا ئېرىشىپ، پارلامېنتقا كىرىشى مۇمكىنكەن. بىراق بۇ 11 پارتىيە ئىچىدە يەھۇدىي تىرىلمچىلىرى ئىتتىپاقى، ئەرەب پارتىيەلىرى ئىتتىپاقى، كەلگۈسى پارتىيە، مىرىز ۋە كۇرانۇ پارتىيەسىگە قاراشلىق ئوتتۇرا سولچىلار لاگېرى، لىكوت گۇرۇھى، يەھۇدىيلار يۇرتى، ئىسرائىلىيە بىزنىڭ يۇرتىمىز ۋە ئۈچ دىنى پارتىيەگە قاراشلىق ئوڭچىللار لاگېرى بار ئىكەن.
يەھۇدىي تىرىلمىچىلىرى ئىتتىپاقى بىلەن لىكوت گۇرۇھى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سولچىلار ۋە ئوڭچىلار لاگېردىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە، بىراق سايلامدا مۇستەقىل كابىنېت تەشكىللەش ئۈچۈن پارلامېنتتا 61 ئورۇنغا ئېرىشكەندىلا، ئاندىن باشقا پارتىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ كابىنېت تەشكىللىيەلەيدۇ.
كۆپلىگەن كىچىك پارتىيەلەر ئىچىدە، كورانى پارتىيەسى ۋە دىنى پارتىيەلەرنىڭ ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى. كورانى پارتىيەسى بۇ قېتىمقى سايلامدا 9 ئورۇنغا ئېرىشىشى مۇمكىن، بۇ پارتىيە ئۆزىنى ئوتتۇرھال پارتىيە دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، بىراق ئوتتۇرا سولچىلار كابىنېتىغا قاتناشمايمىز، دېدى. .ئەگەر بۇ گەپ راست بولسا، يەھۇدىي تىرىلمىچىلىرى ئىتتىپاقى سايلامدا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشسىمۇ، بىراق ئوتتۇرا سولچىلار لاگېرى كۇرانۇ پارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئەھۋالدا پارلامېنتتىكى ئومۇمىي ئورۇننىڭ 61 نى ئىگىلىسىمۇ، ئوڭ قانات پارتىيەسى قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمىسە، كابىنېت تەشكىللىشى قىيىنچىلىققا ئۈچرايدىكەن.
بۇ قېتىمقى پارلامېنت سايلىمى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتى ۋە دىپلوماتىيەسى كۆپلىگەن خىرىسلارغا يولۇققان ئەھۋالدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەتىجىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە رايون ۋەزىيىتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
![]() |
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
|
![]() |
دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved