ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
شىنخۇا تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 29- كۈنى قاھىرەدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، مىسىر ھۆكۈمەت تاراتقۇسى ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ 29- مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر جەنۇبىدىكى سوھاج ۋىلايىتىدە بىر قانۇنسىز ماي ئىسكىلاتى پارتىلاش كېتىپ ، 10 ئادەم ئۆلگەن ۋە 37 ئادەم يارلانغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، پارتىلاش مەزكۇر ئۆلكىدىكى بىر كەنتتە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ قانۇنسىز ماي ئىسكىلاتىدا قاراڭغۇ بازاردا سېتىش ئۈچۈن ساقلىغان بېنزىن بار ئىكەن، پارتىلاشتىن كىلىپ چىققان ئوت ئەتراپتىكى ئۆيلەرگە يامرىغان سەۋەبلىك 10 ئادەم ئۆلۈپ 37 ئادەم يارىلانغان.
نۆۋەتتە ئوت ئۆچۈرۋېلىنغان بولۇپ، يارىدارلار كەنتكە يېقىن دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇشئېلىپ بېرىلۋىتىپتۇ، نۆۋەتتە بىخەتەرلىك تارماقلىرى بۇ قېتىملىق پارتىلاش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.
مەنبەسى شىنخۇا تورى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved