تاماقنىڭ ۋاقتىدا بولماسلىقى بالىلارنى ئوڭاي سەمرىتىۋېتىدۇ
جېجىياڭ لىنىيىسى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .فىنلاندىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى نىڭ بايقىشىچە تاماقنىڭ ۋاقتىدا بولماسلىقى بالىلارنىڭ بەدىنىگە تېخىمۇ كۇپ ماي يىغىلىپ ئۇلارنىڭ يۈرەك قان تومۇرىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنىمۇ كۆپەيتىۋېتىدىكەن .تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى ،بۇ باغلىنىش ئالتە ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولغان بالىلار ئارىسىدا تېخىمۇ روشەن بولىدىكەن .بۇنىڭدىن سىرت تەركىبىدە قەنت بار ئىچىملىك قىزىل گۆش ،ياغسىز سۈنئىي سېرىق ماينى كۆپلەپ قۇبۇل قىلىپ ئۆسۈملۈك يېغىنى ئاز قۇبۇل قىلسىمۇ بالىلارنىڭ يۈرەك قان تومۇرىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشنى كۆپەيتىۋېتىدىكەن .
تەتقىقاتچىلار ئالتە ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولغان فىنلاندىيىلىك512 نەپەر بالىلارنى تاللاپ ،ئۇلارنىڭ يېمەك ئىچمەك ئادىتى ،يېمەك ئىچمەك ھەرىكىتى قاتارلىق يۈرەك قان تومۇرىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇزۇقلۇق ئامىللىرىنى كۆزەتتى .بۇلار بەل ئايلانمىسى ،ئاچ قورساق چاغدىكى قان زەردابى ئىنسۇلىن ،ئاچ قورساق چاغدىكى قان قەنتى ،ترى گلىتسېرىد ،يۇقىرى زىچلىقىنى ياغ ئاقسىلى ۋە قىسقىراش بېسىمى بىلەن كېڭىيىش بېسىمىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .تەھلىل نەتىجىسىدىن قارىغاندا پەقەت بالىلارنىڭ يېرىمىدىن ئازراق ھەر كۈنى ۋاقتىدا غىزالىندىكەن .ئاساسلىق تاماق يېمەيدىغان بالىلارنىڭ بەدىنىدە ماينىڭ ئوشۇقچە يىغىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ زور بولىدىكەن ،بەك تېز غىزالىنىش ،كەيپىيات خاراكتېرلىك بەك تويۇنۇپ غىزالىنىشقا ئوخشاش چەكلىمىسىز ئۇزۇقلىنىش ھەرىكىتىمۇ بەدەن مېيىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن .
تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا قانۇنىيەتلىك ئوزۇقلىنىشتا چىڭ تۇرۇش بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يۈرەك قان تومۇر ماددا ئالمىشىشدىكى خەپ خەتەرنى ئازايتىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن .بۇنىڭدىن سىرت ئاتا -ئانىلار بالىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇقلارنى تاللاش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك ئەمەس ئىكەن .مەسلەن ياغسىز سۈنئىي سېرىق ماينىڭ ئورنىغا ئۆسۈملۈك مېيى بېرىش ،تەركىبىدە قەنت بار ئىچىملىكنىڭ ئورنىغا يېغى ئايرىۋېلىنىدىغان سۈت ئىچكۈزۈش ،شۇنىڭدەك قىزىل گۆشنىڭ ئورنىغا بېلىق گۆشى بېرىش قاتارلىقلار .
بۇنىڭدىن سىرىت يەنە ،ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ھەمىشە تېز تاماقخانىلاردا غىزالىنىش مېڭە پائالىيىتىنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن. ئوخايو ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى «كىلىنىكا بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈشتە تېز تاماقخانىلاردا كۆپ غىزالىنىدىغان بالىلارنىڭ ماتېماتىكا، ئىلىم-پەن ۋە ئوقۇپ چۈشىنىش نەتىجىسى ئەڭ تۆۋەن چىققان.تەتقىقاتچىلار 8500 نەپەر بالىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ، 10 ياشلىق بالىلارنىڭ تېز تاماقخانىدىن تاماق يېيىش ئىستېمال ئادىتىنى چۈشىنىپ باققان، ئاندىن ئۇلارنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەن، تەتقىقاتچىلار ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئامىللارنىمۇ ئويلاشقان. تەتقىقاتچىلار بالىلارنىڭ تېز تاماقخانىلارغا كىرىپ تاماق يېيىش قېتىم سانىدىن بايقىشىچە، %52 بالا ئۆتكەن بىر ھەپتىدە 1 قېتىمدىن 3 قېتىمغىچە تېز تاماقخانىدىن تاماق يېگەن، %10 بالا 4 قېتىمدىن 6 قېتىمغىچە تاماق يېگەن، باشقا %10 بالا ھەر كۈنى تېز تاماقخانىلاردىن تاماق يەيدىكەن.مەزكۇر تەتقىقاتقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئوخايو ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات خادىمى پوتىرنىڭ دېيىشىچە: «ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا بالىلارنىڭ غىزالىنىش ئادىتى بىلەن سېمىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ھالدا مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ كەلگەن ئىدى، بىزنىڭ تەتقىقاتىمىزدا تېز تاماقخانىدا غىزالىنىشنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىغا ئىسپات تېپىلدى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved