ئەردوغان قوللىغۇچىلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە
يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى : تۈركىيەدە 10-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق زۇڭتۇڭ بىۋاسىتە سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى ئاشكارىلاندى ، ھازىرقى زۇڭلى ئەردوغان زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ ، قوللاش نىسبىتى باشقا ئىككى نامزاتتىن ئېشىپ كەتتى .
رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى : ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت ئىلگىرى زۇڭتۇڭ سايلىمى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ، زۇڭتۇڭنى پارلامېنت سايلاشتىن ئاۋام-خەلق بىۋاسىتە سايلاشقا ئۆزگەرتتى . بۇ ، زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنىڭ ئەمدى قائىدە-يوسۇن خاراكتېرلىك ئورۇن بولمايدىغانلىقى ، ئۇنىڭ غەلىبىسىنىڭ تارىخىي ئورۇن بەرپا قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . ئەردوغان ئۆزى ئۈچۈن ئىككى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇق نىشانىنى بېكىتىپ بولدى ، ئۇ تاكى 2023-يىلى تۈركىيەنىڭ دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغىچە ھوقۇق تۇتۇپ تۇرالايدۇ .
ئەمما تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىغان : ئەردوغاننىڭ دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك بولغاچقا ، سەل ھاكىممۇتلەقلىق خاھىشى گەۋدىلىنىشى مۇمكىن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved