لەگلەك تورى تەرجىمىسى: پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى خەۋىرى، ئامېرىكا تاراتقۇسىنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا ئالىملىرى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدىكى ئاساسەن بوزۇلمىغان بىر ئامېرىكا ئاۋىياماتكاسىنى بايقىغان. بۇ ئاۋىياماتكا 10 يىل بورۇن ئاتوم بومبىسى تەجرىبىسىگە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كىيىن كالىفورنىيە شىمالىي قىسمىدىكى يېقىن دېڭىزدا چۆكۈپ كەتكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكا دېڭىز-ئوكيان ۋە ئاتموسفېرا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى «مۇستەقىل» ناملىق ئاۋىياماتكا قارىتا ئورۇن بېكىتىش ئىلىپ بارغان ھەمدە فىلىمگە ئالغان بۇلۇپ، بۇنى سان فىرانسىسكو ئالتۇن دەرۋازا چوڭ كۆۋرۈكى سىرتىدىكى دېڭىزدا تەخمىنەن 300 دانە تارىخى مەنىگە ئىگە چۆككەن كېمە خەرىتىسىنى سىزىش خىزمىتىنىڭ بىر قىسىمى قىلىدۇ.
«مۇستەقىل» ناملىق ئاۋىياماتكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە تىنچ ئوكياندا جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ھەمدە 1946-يىلى بىكىنى ئىككى قېتىم ئاتوم بومبىسى تەجرىبىسىدە نىشانلىق ئاۋىياماتكا قىلىپ ئىشلىتىلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved