12 يىل لەخمە قېزىپ يەر ئاستى ئوردىسى ياساپ چىققان بوۋاي

بۇ بولسا 64 ياشلىق بوۋاي مانۇئېل باررانتېسنىڭ ھېكايىسى، مانۇئېل باررانتېس ئىسىملىك بۇ بوۋاي كوستارىكادىكى سان ئىسىدرو دېگەن جايدىن بولۇپ، مانۇئېل ئىسىملىك بۇ بوۋاي ئىلگىرى سومكىسىنى يۈدۈپلا ساياھەتكە چىقىپ ياۋروپا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى 18 دۆلەتكە بارغانىدى. بوۋاي ئۆزى بارغان جايدىكى كىشىلەرنىڭ ناچار ھاۋارايىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆڭكۈردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىمۇ تۇيۇقسىزلا ئىلھام پەيدا بولغان:<مەنمۇ يەر ئاستى ئوردىسىدا تۇرۇشنى ئويلاپ قالدىم . شۇنىڭ بىلەن مانۇئېل ئىسىملىك بۇ بوۋاي مەلۇم يەرنى تاللاپ بېكىتكەندىن كېيىن ئۆڭكۈر كولاشقا تەييارلانغان.

بوۋاي ئۆڭكۈر كولاش جەريانىدا ھېچقانداق چوڭ تىپتىكى توپا قېزىش ماشىنىسىنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولمىغان. بوۋاي پەقەت ئۆزىنىڭ بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، بىر گۈرجەك، بىر جوتۇ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسىگە تايىنىپ ئۆڭكۈرنى كولاشقا كىرىشىپ كەتكەن. مانۇئېل ئىسىملىك بوۋاي ياش ۋاقتىدا كان ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەپ باققان بولغاچقا، يەر كولاش تەجرىبىسى ناھايىتى مول ئىدى.

بوۋاينىڭ ئۆيدىكىلىرى دەسلىپىدە بوۋاينىڭ بۇ ئويىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولۇپ، بوۋاينىڭ بىر قىزى ئۇنى ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش قىلىۋاتىدۇ، ناۋادا ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىسا يەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ئۇنى بېسىۋىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان. لېكىن بوۋاي ئاللىقاچان قاتتىق ئىرادىگە كەلگەن بولغاچقا، باشقىلارنىڭ قانداق قارىشى بىلەن قىلچە كارى بولمىغان. شۇنداق قىلىپ، مانۇئېل بوۋاي بىر كۈن،بىر كۈندىن توپتوغرا 12 يىل توپا قازغان. ئەڭ ئاخىرىدا، بۇ كاج بوۋاي يانار تاغ ماگمىسىنى قېزىش ئارقىلىق بۇ شەھەرنىڭ يەر ئاستىغا كۆلىمى تەخمىنەن نەچچە يۈز مېتىر كېلىدىغان تۇرالغۇ كولاپ چىققان ھەم بۇ يەرگە توپولاندىيا (Topolandia) دەپ نام بەرگەن.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
27-05-2016
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات نەشرىياتچىلىقى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ...
Powered by Leglek