بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 30 دۆلەتتە 200 مىليوندىن ئارتۇق قىز خەتنە قىلىنماقتا.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇ 200 مىليون قىزنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مىسىر، ئېفىئوپىيە ۋە ھىندونېزىيەدە ئىكەن.
بۇ 30 دۆلەتە ئىچىدە سومالىدىكى قىزلارنىڭ خەتنە قىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، 15 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى قىز-ئاياللارنىڭ % 98 ى خەتنە قىلىنىدىكەن.
گىۋىنىيە، جىبوتى ۋە سېررالېئوندىكى قىزلارنىمۇ خەتنە قىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى، يەمەندە قىزلارنىڭ % 85 ى تۇغۇلۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىنلا خەتنە قىلىنىدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 200 مىليون كىشى ئۇلارنىڭ 2014-يىلى ئالدىن پەرەز قىلغان ساندىن 70 مىليونغا يېقىن ئارتۇق بولۇپ، ئاساسلىقى ئەينى چاغدا ھىندونېزىيە ئىستاتىستىكا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن. بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ‹‹ناۋادا ھازىر بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، كەلگۈسى 15 يىلدا قىزلارنىڭ خەتنە قىلىنىش نىسبىتى داۋاملىق ئېشىۋېرىدۇ.››
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 44 مىليون كىشىنىڭ يېشى 14 ياش ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك ئىكەن، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى كىچىك قىزلار بولۇپ، بەش ياشتىن بۇرۇن خەتنە قىلىنغان.
ئاياللارنىڭ خەتنە قىلىشى ئاساسلىقى ئافرىقا ۋە ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى قىسمەن دۆلەتلەردە كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، خەتنە قىلىنغاندا ئادەتتە قىز-ئاياللارنىڭ تاشقى جىنسىي ئەزاسىنى بىر قىسىمى ياكى ھەممىسى كېسىۋېتىلىدىكەن.
بۇ دەھشەتلىك كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسىنى قوللىغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق قىلغاندا قىز-ئاياللارنىڭ ئىپپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن، يەنە ئۆرپ-ئادەت ۋە دىننىڭ تەسىرىمۇ بار ئىكەن.
خەتنە قىلدۇرغان قىز-ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا قاتتىق ئازابلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئىشلەتكەن ئەسۋابلارنىڭ پاكىز بولماسلىقى ۋە مەشغۇلاتنىڭ توغرا بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، خەتنىسى قىلىنغان قىز-ئاياللاردىن قان كۆپ چىقىپ كېتىدىكەن، بەزىلىرى ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدىكەن.
2012-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىردەك قارار ماقۇللاپ قىز-ئاياللارنى خەتنىسىنى بىكار قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى، 2015-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەنە 2030-يىلىدىن بۇرۇن قىز-ئاياللارنىڭ خەتنە قىلدۇرۇشتىن ناچار ئادەتنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش نىشانىنى تۈزۈپ چىقتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved