ۋاڭيى تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
شىنخۇا تورى ئۈرۈمچى 3- ئاي 10- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، 10- مارت 3 تىن 50 مىنۇت ئەتراپىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى 221- نومۇرلۇق ئۆلكە يولى 279 كىلومېتىرلىق ئورۇندا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتومۇبىلى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇشۇپ، ئالتە ئادەمنىڭ ئۆلىشى ۋە 9 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچىلىرى باش ئەترىتىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، 10- مارت 3 تىن 50 مىنۇت ئەتراپىدا شىنجاڭ شىنجەن يولۇچىلار ترانسپورت شىركىتى دۆربىلجىن تارماق شىركىتىنىڭ شوپۇرى ۋېيدۇڭشىڭ 新G06799 نومۇرلۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، ئۈرۈمچىدىن تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيىسىگە قايتىش يولىدا ئالدى تەرەپ ئوخشاش يۆنىلىشتە بۇزۇلۇپ قېلىپ توختىتىپ قۇيۇلغان، مىچۈەن شەھىرى جىياڭباۋ ترانسپورت شىركىتىنىڭ شوپۇرى سەلىك ھەيدىگەن 新B24509 نومۇرلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ كەينىگە سوقۇلغان. يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىكى تۆت ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان، بىر ئادەم جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، توققۇز ئادەم يارىلانغان. يۈك ئاپتوموبىلىدىكى بىر ئادەم قازا قىلغان. نۆۋەتتە ۋەقە تەپسىلىي تەكشۈرۈلمەكتە.
مەنبەسى شىنخۇا تورى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved