ئامىرىكا "ئاتلانتىك ئوكيان ئۆلچىمى" تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەگەر قوڭغۇراقلىق سائەت سايراپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇخلىسا ياخشى ئارام ئالالمايلا قالماستىن ئەكسىچە يەنە سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەن.
بۇنىڭ سەۋەبى قوڭغۇراقلىق سائەت سايرىغاندىن كېيىن ئادەم بەدىنىدە بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمۇنى ۋە كورتىزول ئاجرىتىپ چىقىرىلىپ، ئۇيقۇ ئېچىلىدۇ-دە، بەدەن سەگەكلىشىدۇ. بىراق ئەگەر يەنە بىر قېتىم قايتا ئۇخلىسا بۇ ھۇرمۇنلارنىڭ ئاجرىلىش جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر قايتا- قايتا قوڭغۇراقلىق سائەت تەرىپىدىن ئويغىتىلسا، بىئولوگىيىلىك سائەت قالايمىقانلىشىپ تېخىمۇ ئۇزۇن بولغان ئۇيقىدىن ئويغىنىش ۋاقتىغا مۇھتاج بولىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىش، بېشى قېيىش، روھسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئۇخلىغاندىن ئۇخلىمىغان ياخشى.
قوڭغىراقلىق سائەت سايرىغاندىن كېيىن، بىر مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئادەم بەدىنى شۇنىڭدەك چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتى بارا-بارا ئويغىنىشقا باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا پەردىنى ئېچىش ياكى چىراغنى ياندۇرۇش بەدەننى ئويغىتىشقا ياردەم بېرىدۇ؛ ئەگەر ئالدىنقى ئاخشام كەچ ئۇخلىغان بولسا سائەتنى كېيىنرەك توغىرلاپ قويۇش كېرەك؛ ئەگەر قوڭغىراقلىق سائەت سايرىغاندىن كېيىن بەدەن ماسلاشماي يەنە ئۇخلاپ قالسا، ئەڭ ياخشىسى قوڭغىراقلىق سائەتنى 30-40 مىنۇت كىچىكتۈرۈپ توغىرلاش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved