ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىڭتۈەن 4 - دېۋىزىيەسى 66 - تۈەندىكى قاسساپ ئابدۇكېرەم ئابدۇقەييۇم قاسساپلىقتىن سىرتقى ۋاقتلاردا ياغاچ ئويمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، خېلى ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.
مۇخبىر يېقىندا ئۇنى تېلېفۇندا زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ئۈچىنچى چوڭ ئەسىرى <<يېرىم ئادەم ئويمىسى>> نى پۈتتۈرگەنىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ <<ئەجدىھا>> ۋە <<شاش كالا >>ناملىق ياغاچ ئويمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەسەرنى تاماملىغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە <<شاش كالا>> ناملىق ياغاچ ئويمىسى ئۇنىڭ تۈنجى ۋە داڭقىنى چىقارغان ئەسىرى.
ئابدۇكېرەم ئابدۇقەييۇم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:<<مەن ياغاچ ئويمىچىلىقىغا تاسادىپىي پۇرسەتتە قىزىقىپ قالدىم، بىر كۈنى مەن يول بويىدىن تاشلاندۇق ياغاچ پارچىسىنى تېپىۋالدىم، قارىسام ئۇنىڭ شەكىلى كالىغا ئوخشىشىپ كىتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ياغاچنى ئۆيگە ئاپرىپ ئويۇشقا باشلىدىم، 20 نەچچە كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ كالا مۆڭگۈزى قۇلىقى، كۆزى، تۇياقلىرىنى ئىنچىكلىك بىلەن ئويۇپ چىقتىم>> .
ئاپرېلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ بالىلىقىتىكى ھەۋىسى ۋە قاسساپلىق كەسىپىدە ئىگلىگەن كالا - قوي بەدىنىنىڭ قۇرۇلمىسىنى پىششىق بىلىشكە تايىنىپ، <<شاش كالا >> ناملىق ياغاچ ئويمىسىنى پۈتتۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ داڭقى ئەتراپقا ناھايىتى تىز تارالغان. دەسلەپتە ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنى كۆرىدىغانلار كۆپەيگەن بولسا، ھازىر ئۇنىڭغا ياغاچ ئويمىسىنى زاكاز قىلدىغانلار كۆپەيدى.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved