فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 1-ئىيۇل ، فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ساركوزى خىيانەتچىلىككە چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنغان .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى كەلگۈسى 24 سائەت ئىچىدە ساركوزىنى سوراق قىلىدىكەن . ئىگىلىنىشىچە ، ساركوزىنىڭ ئادۋوكاتى 30-ئىيۇن قولغا ئېلىنغان .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇلتۇر 3-ئايدا ، تەپتىش ئورگىنى ساركوزىنى 2007-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغان دەپ ئەيىپلىگەن . ئەگەر بۇ قانۇنىي تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىپ ، جىنايەت دەپ بېكىتىلسە ، ساركوزى ئۈچ يىل تۈرمىدە يېتىشى ۋە زور سوممىلىق جەرىمانە تۆلەپ ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن .
2011-يىلى ، فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى شىراك پارىژ شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە خىيانەتچىلىك قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن ئىككى يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، ساركوزىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved