روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراقنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، « ئىسلام خەلىپىلىكى» تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراقتىكى مۇسۇل شەھىرى ئەتراپىدا ئاز دېگەندە 80 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
بۇ كىشى: «تېرورچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر ئاز دېگەندە 80 گە يېتىدۇ . ئۆلتۈرۈلگەنلەر ساقچى، ھەربىي جۈملىدىن تېررورچىلار بىلەن بىر يولدا ئەمەسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ»، دېگەن.
بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرىشىچە، تېررورچىلار بۇ كىشىلەرنى «جاسۇسلۇق خىزمىتى ئېلىپ باردى» ۋە«ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشتى»، دەپ قارىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved