ھازىر باغچا، سەيلىگاھ، كوچىلاردا بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق كۆزئەينەكلەرنى تاقىۋالغانلقىنى، باش كىيىملىرىدە تۈرلۈك شەكىلدە كۆزئەينەكلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇچرىتىمىز. ئاتا-ئانىلار ئويۇنچۇق كۆزئەينەكلەرنىڭ بالىلارغا قانچىلىك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىمايلا ئېلىپ بېرىدۇ.
ئويۇنچۇق كۆزئەينەكلەر ئاساسەن سۇلياۋدىن ياسالغان بولۇپ، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى، نۇر قايتۇرۇشچانلىقى، ئىسسىقلىق تارقىتىشى ياخشى ئەمەس. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ئەنۋەردىن ئىگىلىشىچە، بالىلار يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا، كۆز مۇسكۇللىرى، كۆرۈش پەردىلىرى تېخى تەرەققىي قىلىپ كېتەلمىگەن بولىدىكەن. بۇنداق شارائىتتا دائىم سۇلياۋ كۆزئەينەكلەرنى تاقىسا، مۈڭگۈز پەردىسىگە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىك، كۆز قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved