جۇڭگو ئاخبارات تورى 18-يانۋار تېلېگراممىسى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 18-يانۋار، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى فىرانسىيە ئىقتىسادىنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ فىرانسىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش پەيتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھوللاندى شۇ كۈنى سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلەرگە يىللىق سۆز قىلغاندا يۇقىرىقىلارنى ئېيتقان، شۇنداقلا بىر قاتار ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىققان. ئۇ مۇشۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇزۇن ۋاقىت بىر نۇقتىدا تۇرۇپ قالغان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ئازىيىشىنى ئۈمىد قىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھوللاندى بالدۇرراق ئەمگەكچىلەرگە پايدىلىق ئىقتىسادىي ئەندىزىلەرنى تۇرغۇزۇپ، تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى ۋە تورلىشىشىغا ماسلىشىش لازىملىقىنى كۆرسەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھوللاندىنىڭ تەكلىپلىرى ئىچىدە، كارخانىلارنى خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش، شۇنداقلا خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئائىت تەدبىرلەرمۇ بار ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved