كۈزدە خانىم-قىزلارنىڭ يۈزىدە بەزى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق چاغدا ئاسراش ياخشى بولمىسا، تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
داغ تېخىمۇ قېنىقلىشىدۇ. خانىم-قىزلار يازدا نۇرغۇنلىغان تېرە ئاقارتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، كۈز كېلىشى بىلەنلا توختىتىپ قويىدۇ. بۇنداق قىلىش يۈزىگە پايدىسىز. يۈزدىكى داغلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ قېنىقلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا تېرە ئاقارتىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، قېرىشى تېزلىشىدۇ. كۈز تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەيدىغان پەسىل، بۇ چاغدا دىققەت قىلمىغاندا، تېرە قېرىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. شۇڭا قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان بۇيۇملارنى ئىشلەتكەندىن سىرت، تېرە ئاسرىغاندا، ھەرىكەتنىڭ بەل قوپال بولماسلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
مايلىق تېرىلەردە دانىخورەك كۆپ كۆرۈلىدۇ. تېرىسى بەك مايلىق خانىم-قىزلار ماي تەركىبى بولمىغان سۇ تولۇقلاش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك، بولمىسا، تېرە بەك مايلىق بولغانلىقتىن دانىخورەك چىقىدۇ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغاندا، دانىخورەك ئىزى قالىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved