بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى تارىخى ماتىرىيال ۋە سۈرەتلەر

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جاھانگىر دۆلەتلەر مۇستەملىكلەرنى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈش، دۇنياغا خوجايىنلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىش مەقسىتىدە ياۋرۇپا، ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەلىرىدە ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق دۇنياۋى كۆلەملىك جاھانگىرلار ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇش قىلغۇچى ئىككى تەرەپ ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە روسىيىنى يادرو قىلغان ئەھدىلەشكۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى بىلەن گىرمانىيە ۋە ئاۋسترىيىنى يادرو قىلغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر گۇرۇھىدىن ئىبارەت بىر-بىرىگە زىت ئىككى چوڭ ھەربىي گۇرۇھ بولدى. 19- ئەسىر بىلەن 20- ئەسىر ئارىلىقىدا دۇنيادىكى ئاساسىي كاپىتالىستىك دۆلەتلەر كەينى كەينىدىن جاھانگىرلىك باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، سرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىش سىياسىتىنى پائال تۈردە يۈرگۈزدى. ھەر قايسسى ئەللەر ئارىسىدىكى مۇستەملىكە تالىشىش ۋە تەسىر دائىرسىنى كېڭەيتىش كۈرىشى كۈنسايىن كەسكىنلەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىقتەك قانۇنىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە گېرمانىيە، ئامېرىكا، ياپونىيىدىن ئىبارەت كېيىن گۈللەنگەن ئۈچ جاھانگىر دۆلەت ئەنگلىيە، روسىيە، فرانسىيە قاتارلىق كونا مۇستەملىكچى جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ دۇنيادىكى كۆپ قىسىم مۇستەملىكلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىدەك ھالەتتىن ئىنتايىن نارازى بولۇپ، دۇنيانى قورال كۈچى ئارقىلىق بۆلۈشۈۋېلىشنى تەلەپ قىلاتتى.

1882- يىلى ۋە 1907- يىلى ياۋرۇپادا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گېرمانىيە، ئاۋسترىيە، ئىتالىيىدىن ئىبارەت ئىتتىپاق تۈزۈشكەن ئۈچ دۆلەت گۇرۇھى بىلەن ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە روسىيەدىن ئىبارەت ئەھدىلەشكەن ئۈچ دۆلەت گۇرۇھى شەكللەندى. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۆرۈلگەن ماراكەش بۆھرانى (1905- يىلىدىن 1906- يىلىغىچە)، بوسنىيە بۆھرانى (1908- يىلىدىن 1909- يىلىغىچە)، بالقان ئۇرۇشى (1912- يىلىدىن 1913- يىلىغىچە) قاتارلىق خەلقئارا بۆھرانلار ۋە توقۇنۇشلار ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھى بىلەن ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ گۇرۇھ ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى كۈنسايىن كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.
1914- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى ئاۋسترىيە، ۋېنگرىيە ئىمپېريىسىنىڭ پادىشاھى فرانىس فردېناند، بوسنىيىنىڭ پايتەختى سارايىۋۇدا سېربىيە مىللەتچىلىرى گۇرۇھىدىكى پولىنىشىپ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ۋەقە بىرىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىغا پىلتە بولۇپ بەردى. 7- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى گېرمانىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا سېربىيىگە قاتتىق شەرت قويۇلغان ئۇلتىماتۇم ئەۋەتتى. گەرچە سېربىيە ئۇلتىماتۇمدا ئېيتىلغان شەرتلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى يەنىلا ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدىن يانمىدى. 7- ئاينىڭ 28- كۈنى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى سېربىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتتى. 7- ئاينىڭ 30- كۈنى روسىيە پۈتۈن مەملىكەتنى سەپەرۋەر قىلىپ، سېربىيىنى قوللىدى. 8- ئاينىڭ 1- كۈنى گېرمانىيە روسىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى. 8- ئاينىڭ 3- كۈنى گېرمانىيە يەنە فرانسىيىگىمۇ جەڭ ئېلان قىلدى. ئەنگلىيە 8- ئاينىڭ 4- كۈنى گېرمانىيە بىتەرەپ تۇرۇۋاتقان بېلگىيىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى، دېگەن باھانە بىلەن گېرمانىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى. 8- ئاينىڭ 6- كۈنى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى روسىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە بىلەن بۇلغارىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترىيە سېپىگە قوشۇلۇپ ئۇرۇش قىلدى.
بۇ قېتىمقى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ جەڭ مەيدانى ئاساسەن ياۋرۇپا بولۇپ، جەمئىي ئۈچ سەپ بار ئىدى. غەربىي سەپ ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ گېرمانىيىگە قارشى جەڭ مەيدانى، شەرقىي سەپ روسىيىنىڭ گېرمانىيە بىلەن روسىيىنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى جەڭ مەيدانى، جەنۇبىي سەپ ئاۋسترىيە بىلەن ۋېنگرىيىنىڭ روسىيە بىلەن سېربىيىگە قارشى جەڭ مەيدانى ئىدى. 1914- يىلى 8- ئايدا گېرمانىيە «سىلفىن پىلانى» بويىچە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە ھەربىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلدى. 9- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە گېرمانىيە قوشۇنى فرانسىيە قوشۇنى مارنا دەرياسىدا ئومۇمىي جەڭ قىلدى. جەڭدە گېرمانىيە قوشۇنى مەغلۇب بولدى. فرانسىيىنى بىرلا ھۇجۇم بىلەن مۇنقەرز قىلماقچى بولغان سىلفىن پىلانى كۆپۈككە ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن غەربىي سەپتە تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

1915- يىلى گېرمانىيە ھۇجۇم مەركىزىنى شەرققە بۇراش ئارقىلىق، روسىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنى ئۆزى يالغۇز سۈلھى قىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى. 5- ئاينىڭ 2- كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى گورتسا-تارنوۋ جېڭىدە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، زور كۆلەمدىكى زېمىنىنى ئىشغال قىلدى. بىراق، گېرمانىيە ئارمىيىسى روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى بۇنىڭلىق بىلەن يوقىتالمىغانىدى. شۇڭا، 9- ئاينىڭ ئاخىرىدا شەرقىي سەپتىمۇ ئىستىھكام ئۇرۇشى ۋەزىيىتى شەكىللەندى. گېرمانىيە شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يەنە غەربىي سەپكە بۇرىدى. 1916- يىلى 2- ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئېتىبارەن گېرمانىيە ئارمىيىسى خىل قوشۇنلىرىنى توپلاپ، فرانسىيىنىڭ مۇھىم ھەربىي قورۇقى ۋېردېنغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. فرانسىيە قوشۇنلىرى جان تېكىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. يەتتە ئاي داۋاملاشقان زور كۆلەمدىكى بۇ قانلىق ئۇرۇش تارىختا «ۋېردېن گۆش قىيمىلىغۇچ» دەپ ئاتالدى. بۇ جەڭدە ئىككى تەرەپتىن 600 مىڭغا يېقىن ئادەم چىقىم بولدى. 7- ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيە قوشۇنلىرى سومما دەرياسى جېڭىنى قوزغىدى. جەڭدە ئەنگلىيە ئارمىيىسى بىرىنچى بولۇپ تانكا ئىشلەتتى. ئىككى قېتىملىق جەڭدە ئىككى تەرەپ تارتىشما جەڭ قىلدى. شۇ ئارىدا ئەنگلىيە، گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىلىرى بىر-بىرىگە قارشى كۆلىمى ئەڭ زور دېڭىز ئۇرۇشى قىلدى. يەنى، 1916- يىلى 5- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە ژىللاندىيە دېڭىز ئۇرۇشى قىلدى. نەتىجىدە ئەنگلىيە يەنىلا بۇ دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالدى.

1917- يىلى 2- ئايدا گېرمانىيە «چەكلىمىسىز چۆكمە پاراخۇت ئۇرۇشى» نى يولغا قويۇپ، ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كېمىسى ۋە بىتەرەپ دۆلەتلەرنىڭ سودا كېمىسى بولۇپ 5000 دىن ئارتۇق كېمىنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتى. بىراق، دېڭىزدىكى پاسسىپ ئەھۋالنى بەرىبىر ئۆزگەرتەلمىدى. جەنۇبىي سەپتىكى بالقان جەڭ مەيدانىدا سېربىيە قوشۇنلىرى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلدى، ئۇرۇش ئىنقىلابنى بارلىققا كەلتۈردى. 1917- يىلى 3- ئاينىڭ 12- كۈنى (روسىيە كالىندارى بويىچە 2- ئاينىڭ 27- كۈنى) روسىيىدە فېئورال ئىنقىلابىي يۈز بېرىپ، ئىنقىلابچىلار چار پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا قۇرۇلغان بۇرژۇئازىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇشتىن قاتتىق بىزار بولۇش كەيپىياتىغا پەرۋا قىلماي ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش قارارىغا كەلدى، شۇڭا روسىيە ئۇرۇشتا قاتتىق مەغلۇپ بولدى. شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى (روسىيە كالىندارى بويىچە 10- ئاينىڭ 25- كۈنى) روسىيىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىي پارتلىدى، يېڭىلا دۇنياغا كەلگەن سوۋېت روسىيىسى ھۆكۈمىتى 11- ئاينىڭ 8- كۈنى تىنچلىق پەرمانى ئېلان قىلدى، كېيىنكى يىلى 3- ئايدا گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى بولغان ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى، تۈركىيە ۋە بۇلغارىيىلەر بىلەن برېست تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، شۇنىڭدىن كېيىن روسىيە ئۇرۇشتىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقتى.
گېرمانىيە 1918- يىلى 3- ئايدىن 7-ئايغىچە غەربىي سەپتە تۆت قېتىم شىددەتلىك ئۇرۇش قوزغاپ، ھەممىسىدە مەغلۇپ بولدى. شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر بىرلەشمە ئارمىيەگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش شىتابى قۇردى. ئارقىدىنلا 330 مىڭ كىشىلىك ئامېرىكا قوشۇنى ياۋروپا جەڭ مەيدانىغا يېتىپ كېلىپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيەسىگە قارشى ئۇدا ئۇرۇش قىلىپ، ئۇدا مەغلۇپ بولدى. 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر بىرلەشمە ئارمىيەسى پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئاتلىنىپ، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى تېز سۈرئەتتە بېسىپ ئۆتتى. 9-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇلغارىيە تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى. 10- ئاينىڭ 31- كۈنى تۈركىيە ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقتى. 11- ئاينىڭ 3- كۈنى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى تەسلىم بولدى. بۇ چاغدا گېرمانىيەدە ئىنقىلاب دولقۇنى قوزغالغانىدى. 11- ئاينىڭ 3- كۈنى كىئىرەدىكى دېڭىز ئارمىيەسى پۈتۈنلەي ئىسيان كۆتۈردى. 11-ئاينىڭ 9-كۈنى بېرلىن ئىشچىلىرى ئىش تاشلاپ ۋە ئىسيان كۆتۈرۈپ، گېرمانىيە ئىمپېرىيەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، گېرمانىيە پادىشاھى ۋىليام 2 نى تەختتىن چۈشۈردى. 1918-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى گېرمانىيە ۋەكىلى ئېرتزبېگل ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ۋەكىلى فوخ بىلەن فىرانسىيەنىڭ كومپىگنى ئورمىنىدىكى رېيدو ۋوگزالىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلشىمنامىسى ئىمزالىدى. گېرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى. 1- دۇنيا ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى.
1-دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن بالايىئاپەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۆت يىلدىن ئارتۇقراق داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشقا 33 دۆلەت قاتناشتى. 75 مىليون ئەسكەر سەپەرۋەر قىلىندى. 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، 20 مىليون كىشى يارىدار بولدى، ئۇرۇش ئاپىتىگە دۇچار بولغان ئاھالە 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. ئۇرۇش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئىقتىسادىي زىياننىڭ قىممىتى 27 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى يەتتى. ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىدە چار پادىشاھ رۇسىيىسى ۋېىنگرىيە، ئوسمانىيە ئىمپېرىيەسى ۋە گېرمانىيە ئىمپېرىيەسى گۇمران بولۇپلا قالماستىن، ئۇرۇشتا غەلىبە قازانغان ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيىلەرمۇ ئاجىزلىشىپ كەتتى.
گېرمانىيە 1918- يىلى 3- ئايدىن 7- ئايغىچە غەربىي سەپتە تۆت قېتىم شىددەتلىك ئۇرۇش قوزغاپ، ھەممىسىدە مەغلۇپ بولدى. شۇ يىلى 3- ئاينىڭ 26- كۈنى ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر بىرلەشمە ئارمىيىگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش شىتابى قۇردى. ئارقىدىنلا 330 مىڭ كىشىلىك ئامېرىكا قوشۇنى ياۋرۇپا جەڭ مەيدانىغا يېتىپ كېلىپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسىگە قارشى ئۇدا ئۇرۇش قىلىپ، ئۇدا مەغلۇپ بولدى. 8- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر بىرلەشمەر ئارمىيىسى پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئاتلىنىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى تېز سۈرئەتتە بېسىپ ئۆتتى. 9- ئاينىڭ 29- كۈنى بۇلغارىيە تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى. 10- ئاينىڭ 31- كۈنى تۈركىيە ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقتى. 11- ئاينىڭ 3- كۈنى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى تەسلىم بولدى. بۇ چاغدا گېرمانىيىدە ئىنقىلاپ دولقۇنى قوزغالغانىدى. 11- ئاينىڭ 3- كۈنى كىئىرەدىكى دېڭىز ئارمىيىسى پۈتۈنلەي ئىسيان كۆتۈردى. 11- ئاينىڭ 9- كۈنى بېرلىن ئىشچىلىرى ئىش تاشلاپ ۋە ئىسيان كۆتۈرۈپ، گېرمانىيە ئىمپېريىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، گېرمانىيە پادىشاھى ۋىليام 2 نى تەختتىن چۈشۈردى. 1918- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى گېرمانىيە ۋەكىلى ئېرتزبېگل ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ۋەكىلى فوخ بىلەن فرانسىيىنىڭ كومپىگنى ئورمىنىدىكى رېيدو ۋوگزالىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلشىمنامىسى ئىمزالىدى. گېرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى. 1- دۇنيا ئۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى.
1- دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن بالايىئاپەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۆت يىلدىن ئارتۇقراق داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشقا 33 دۆلەت قاتناشتى. 75 مىليون ئەسكەر سەپەرۋەر قىلىندى. 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، 20 مىليون كىشى يارىدار بولدى، ئۇرۇش ئاپىتىگە دۇچار بولغان ئاھالە 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. ئۇرۇش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئىقتىسادىي زىياننىڭ قىممىتى 27 مىلىيارد دوللارغا يەتتى. ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىدە چار پادىشاھ روسىيىسى ۋېىنگرىيە، ئوسمانىيە ئىمپېرىيىسى ۋە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى گۇمران بولۇپلا قالماستىن، ئۇرۇشتا غەلىبە قازانغان ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىلەرمۇ ئاجىزلىشىپ كەتتى.
گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى ۋېرسال سارىيىدا ياۋروپادىكى بىر چوڭ دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىش مۇراسىمىنىڭ يەنە بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئوردا قۇبۇلخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .بۇ قۇدرەت تاپقانلىقنىڭ سىمۋوللۇق ئىپادىسى .بىراق گېرمانىيە فرانسىيە ئىككى دۆلەت قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈرىشىدە ئاداۋەتنى تۈگىتىپ ،بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاپەت يىلتىزىنى يوشۇرۇپ قالدى .
پادىشاھ خانلىق تەختىگە چىقتى
1871-يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى قۇرۇلدى ،گېرمانىيە بىرلىككە كەلدى . ۋىليام بىرىنچى پېرىسىيە پادىشاھلىقىدىن گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ خانلىق تەختىگە چىقتى .گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 1871- يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى فرانسىيىنىڭ ۋېرسال سارىيىنىڭ ئەينەك زالىدا ئۆتكۈزۈلدى .شۇ ۋاقىتتا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش كۈرىشى يەنىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى ---- فرانسىيە پادىشاھى ناپالىئون ئۈچىنچى گەرچە 1870- يىلى 9- ئاينىڭ 2- كۈنى پېرىسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان بولسىمۇ ئۇرۇش يەنىلا توختىمىغان ئىدى . 9- ئاينىڭ 19 – كۈنى پېرىسىيە ئارمىيىسى پارىژنى قورشىۋالدى ، 12-ئايدا پارىژ ئاللىبۇرۇن پېرىسىيىنىڭ توپ ئوقلىرى ئىچىدە قالغان ئىدى .بۇنىڭدىن بۇرۇنقى 10- ئاينىڭ باشلىرىدا پېرىسىيە قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانلىق شتابى ۋېرسال سارىيىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئىدى . مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئەينەك زال يەنىلا پېرىسىيىنىڭ يارىدار ئەسكەرلىرىنىڭ كېسەلخانىسى ۋە داۋالاش ئويى ئىدى .مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن 1- ئاينىڭ 18- كۈنى پىرىسىيىگە نىسبەتەن خەيرلىك كۈن ئىدى .170 يىل بۇرۇنقى 1- ئاينىڭ 18 – كۈنى (1701) ، ۋىليام بىرىنچىنىڭ ئەجدادى فىردىرىچىس بىرىنچى شەرقىي پېرىسىيىنىڭ كونگ قورغىنىدا سايلىنىپ خانلىق تاجىنى كىيىپ پېرىسىيىنىڭ پادىشاھى بولغان . ھازىر ئۇنىڭ بىر ئەۋلادى مۇشۇ كۈندە خانلىق تەختىگە چىقتى .كىنەزلىكتىن پادىشالىققىچە ،پادىشاھلىقتىن خانلىققىچە پېرىسىيە 170 يىل ئىچىدە ، دۆلەت باشلىقلىرى « ئۈچ دەرىجىلىك يۇقىرىغا سەكرەش » نى تاماملىدى .بىراق بۇنىڭدىن كېيىنكى 1- ئاينىڭ 18 – كۈنى ، گېرمانىيە ئۈچۈن نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ئوز ۋاقتىدا ، كۈن بۇيى سىياسىي ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئۆتىدىغان بىسمارىكمۇ ۋېرسالدا شەخسەن ئۆزى قوماندانلىق قىلدى .ئۇ رېسەي دېگەن توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ئايال زاۋۇت باشلىقىنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىدا تۇردى . ئۇ دۇچ كەلگەن ئۇچ ئۇرۇش لىنىيىسى : بىرىنچى فرانسىيىگە قارىتىلغان ئۇرۇش ۋە سۆھبەت . ئىككىنچى باشقا دۆلەتلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان مۇداخىلىسى .ئۈچىنچى گېرمانىيىنى مەركەز قىلغان بىرلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەت .
-يىلى ئىيۇلدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان. گېرمانىيە ئارمىيەسى« شىلىففېن پىلانى» بويىچە بېلېگىيە ئارقىلىق فرانسىيەگە كىرمەكچى بولغان. گېرمانىيە ئارمىيەسى فرانسىيە چېگراسىغا كىرگەندىن كېيىن، غەرب تەرەپتىن پارىژغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان، بىراق 1914-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى، سېنتەبىرنىڭ بېشىدا فرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ رازۋېدكا ئايروپىلانى گېرمانىيەنىڭ بىر قانچە گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسىنىڭ پارىژنىڭ شەرقىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى تېزلىكتە ئالدىنقى سەپكە ئەسكەر يۆتكەشكە بويرۇق چۈشۈرگەن. بۇ ۋاقىتتا گېرمانىيەنىڭ پارىژدىن بىر نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى 6-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسى پارىژغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ھالىتىگە ئۆتۈپ بولغان.پارىژدا تۇرۇشلۇق فرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى يوسېف گالېنى پارىژدىكى تاكىسى شوپۇرلىرىغا ئەسكەرلەرنى توشۇشقا مۇراجىئەت قىلىپ، پارىژنى گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قالماقچى بولغان.

بۇ ۋاقىتتا پارىژدىكى تاكسىلارنىڭ ھەممىسىنى رېنو شىركىتى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، قارىماققا پەيتۇنغا ئوخشايتتى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ تاكسىلارغا ۋاقىت ھېسابلىغۇچىمۇ ئورنىتىلغانىدى.فرانسىيە ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پارىژ كوچىلىرىدىكى 1000 تاكسى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يىغىلىپ، ئەسكەرلەرنى توشۇشقا باشلىغان، ھەر بىر تاكسى بىر قېتىمدا بەش ئەسكەرنى توشۇغان. يول يۈرگەندە ئۇلىشىپ ماڭغان ۋە 24 سائەت ئىچىدە 6000 فرانسىيە ئەسكىرىنى 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئالدىنقى سەپكە يەتكۈزۈپ بولغان. فرانسىيە ئۇرۇش قىلىش قىسىمى بارلىق ئەسكەرلەر توشۇلۇپ بولغاندا، ھەرىكەتكە قاتناشقان تاكسى شوپۇرلىرىغا 70 مىڭ 102 فىرانېك بەرگەن.شۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيە ئارمىيەسى بىلەن گېرمانىيە ئارمىيەسى تارىختا مىسلىي كۆرۈلمىگەن مارن دەرياسى ئۇرۇشىنى قىلغان. تارىخشۇناسلار شۇ قېتىملىق ئەسكەرلەرنى توشۇشقا قاتناشقان فرانسىيە تاكسىلىرىغا «مارن دەرياسى تاكسىلىرى» دەپ نام بەرگەن. ئۇلار بۇ تاكسىلارنى فرانسىيە ئارمىيەسىنى گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى، دەپ قارىغان. شۇ قېتىملىق ھەرىكەتتىن كېيىن، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئىنتايىن زور ئۆزگىرىش بولغان، گېرمانىيە ئارمىيەسى بىر قەدەممۇ ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىگەن، ھەتتا فرانسىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈچلۈك زەربىسىگە ئۇچرىغان، گېرمانىيە جەڭگاھتىن چېكىنىپ، «شىلىففېن پىلانى» مەغلۇپ بولغان.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
26-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىسى دۇڭيىڭ شەھىرى لىجىن ناھىيىلىك ئارخىپ ئىدارىسى بەش پارچە يەر-زېمىن سېتىش-سېتىۋېلىش توختىمى  ۋە بىر پارچە يەر-زېمىن ئىسپاتىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋاقتى  ئەڭ بۇرۇن    بولغان توختام ...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    سۈرەتتە: 1991- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، باكۇدىكى بىر پۇقرا رۇسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ ئىنقىلابىي داھىيسى لېنىننىڭ سۈرىتىنى پالتا بىلەن چاناۋاتىدۇ.    1991- يلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى، سوۋېت...
24-05-2016
    لېنىنگرادنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۇرۇشى بولسا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىست گېرمانىيەسى لېنىنگراد ( ھازىر سانكىت پېتىربورگ دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان ھەربىي ھەرىكەت. مۇھاسىرىگە ئېلىش 1941-يىلى9-ئاين...
24-05-2016
    ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى جۇڭگونىڭلا ئەمەس ،بەلىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭمۇ كۆپلىگەن بايلىقى تالان -تاراج قىلىنغان ،بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ تالان -تاراج قىلىنغان بايلىقى ھەممىدىن كۆپ ھەم بۇيۇملارنى...
23-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 22-ماي، ئېرۇسالېم، ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىر تۈركۈم رەڭلىك تاش جەسەت ساندۇقى قاپقىقىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ب...
12-05-2016
1980-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، سادام ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىران-ئىراق چېگرا مەسىلىسى توغرۇلۇق بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىردى. يىغىندا، ئۇلار بىر ھەپتىدىن كېيىن ئىرانغا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغاشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن...
11-05-2016
    ھىتلېرنىڭ نۇتۇق سۆزلەشنى مەشق قىلىۋاتقان چاغدا تارتىلغان بۇ سۈرەتلەر 1925-يىلى تارتىلغان، ھىتلېر بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن خوفماندىن نېگاتىۋىنى كۆيدۈرۈۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئۇ ھىتلېرنىڭ دېگىنىدەك قىلمىغان. بە...
11-05-2016
     بۇ بىر يۈرۈش غەلىتە قىياپەتتىكى ماشىنىلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن نېمە دېيىشنى بىلمەي قالىسىز، مەلۇم فانتازىيەلىك ھېكايىمىكىن دەپ قالماڭ، ئەمەلىيەتتە بۇ سۈرەتلەر بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تارتىلغان، بۇ غە...
02-05-2016
 يېقىندا جىڭجۇ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى جىڭجۇ رايونىنىڭ ساۋشياۋ يولى گاۋلۇ كەنتى 7-گۇرۇپپىسى ئەتراپىدىكى سۇمۇرۇغ خارابىلىقىدىكى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئىلگىرىكى مەزگىلىگە تەۋە بىر قەبرىنى قازغان. بۇ قەبرە 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە...
29-04-2016
    يېقىندا، مۇخبىرنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى يېقىندا بورتالادىكى 3000 يىل ئىلگىرىكى چوڭ تىپتىكى خارابىلىككە قارىتا قېزىش خىز...
Powered by Leglek