رەئىس شى جىنپىڭ 2014 –يىللىق APEC باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ

خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى | لەگلەك تورى تەرجىمىسى: شىنخۇا ئاگېنىتلىقىنىڭ ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو تىجارەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ پىڭ 30 – چىسلا بايانات ئىلان قىلىپ: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2014 – يىلى 11 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان ياۋروپا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى(APEC) نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىىپ، مۇھىم سۆز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


يۈ پىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نۆۋەتتە يېغىن تەشكىلىي كومتېتى ئاكتىپلىق بىلەن باشقا 20 ئىقتىسادىي گەۋدە باشلىقلىرىنى تەكلىپ يېغىنغا چىللىماقتا ئىكەن. ھازىرغىچە، ئامېرىكا، يېڭى زىلاندىيە، چىلى، پېرۇ، ھىندۇنۇزىيە، ۋېيتنام، شىياڭگاڭ قاتارلىق دۆلەت ۋا رايۇنلاردىن كەلگەن كۆپلىگەن ئىقتىسادىي گەۋدە باشلىقلىرىنىڭ يېغىنغا قاتنىشىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەن. باشقا ئىقتىسادىي گەۋدە باشلىقلىرى ياكى ۋەكىللىرنىڭ يېغىنغا قاتنىشىش – قاتناشماسلىقى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا جەزىملەشتۈرۈلىۋاتقان بولۇپ، تەشكىلىي كومتىتى مۇۋاپىق ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلايدىكەن.


يۈ پىڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بۇ يىلقى APEC باشلىقلىرى يېغىنىنىڭ ئاساسىي تىمىسى"ئاسىيا – تىنچ ئوكيان يېڭى ئارزۇسى: يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، بېرىكىش، گۈللىنىش" تىن ئىبارەت. جەمئىي 130 غا يىقىن دۇنيادىكى 500 چوڭ كارخانا باشلىقلىرى بۇ يېغىنغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىلىقى APEC سودا – سانائەت باشلىقلىرى يېىغىنىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاياغلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتە جەمئىي 1200 دىن ئارتۇق دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى كارخانا ۋە ئورگانلار تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تاماملىغان. تىزىمغا ئالدۇرغان ۋەكىللەر 1500 بولۇپ، ئايرىم ھالدا APEC غا ئەزا 21 ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە باشقا 16 دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ ياسىمىچىلىق، پۇل مۇئامىلە، سودا ئىشلىرى مۇلازىمىتى، كانچىلىق ۋە ئۇچۇر تېخنىكا قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ساھەسىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. يېغىندا 9 چوڭ تىما مۇنازىرە قىلىنىدىغان بولۇپ، تىمىلار نۆۋەتتىكى دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەھەتتىكى كۆپلىگەن قىزىق نوقتا مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايۇنىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەھەتتىكى مۇھىم ھالقىلىرىنى بىرقەدەر تولۇق ئەكىس ئەتتۈرگەن.


بۇنىڭدىن باشقا، APEC باشلىقلىرى ۋە سودا – سانائەت مەسىلھەت كېڭىشى (ABAC) ۋەكىللىرى سۆھبىتى 11- ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
31-10-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: خەلقئارا لىنىيەسى تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
12-01-2016
      11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چا...
11-01-2016
     ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
11-01-2016
    دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     «بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
Powered by Leglek