ھاراق ئادەم ئورگانىزمىغا كىرگەندىن كېيىن جىگەردىن ئىبارەت ‹‹خىمىيە زاۋۇتى›› ئارقىلىق زەھەرسىزلەندۈرۈلىدۇ. بۇنداق ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا شەكىللىنىدىغان ئېتىل ئالدېگىد ئادەم ئورگانىزمىنى كۈچلۈك زەھەرلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش، جىگەر ھۈجەيرىلىرىدە ياغنى چۆكمىلەندۈرۈش، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى ياللۇغلاندۇرۇش، جىگەر توقۇلمىلىرىنىڭ تالالىشىنى تېزلىتىش، جىگەرنى قاتۇرۇش، ئاخىرى ئاستا – ئاستا جىگەر راكىغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، جىگەر ياللۇغى بارلار ھاراققا قەتئىي يېقىن يولىماي، مۇۋاپىق مىقداردا گۈرۈچ كېپىكى يەپ بېرىشى كېرەك.
گۈرۈچ كېپىكىنىڭ تەركىبىدە B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىن مول بولۇپ، جىگەرنى قوغداشتىكى بىردىنبىر تەبىئىي دورا ھېسابلىنىدۇ. جىگەر كېسىلى ياكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۈزەكى ئانتىگېننى ئۇزاق مۇددەت ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بىر مەزگىل گۈرۈچ كېپىكىنى كۈندىلىك تاماققا نورمال مىقداردا قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى ئەركىن رادىكاللارنى ۋاقتى – ۋاقتىدا سىرتقا ھەيدەيدۇ، مانا بۇ جىگەر ياللۇغىنىڭ جىگەر راكىغا تەرەققىي قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىردىنبىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved