ئالما ئىستىمال قىلىشنىڭ ئون چوڭ رولى

شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

ئالمىنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى رولى

1. ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ . ئالمىنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا تاننىك كىسلاتا ،ئالما كىسلاتاسى ،ئورگانىك كىسلاتا ،مېۋە يېلىمى ۋە سېللۇلوزا قاتارلىق ماددىلار بار بۇلۇپ ،ئورگانىك ماددىلارنى قورۇش رولىنى ئوينايدۇ .بۇنىڭ ئىچىدىكى مېۋە يېلىمى ۋە سېللۇلوزا باكتېرىيە ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى سۈمۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىلغار ،ئاكتىپ روللار قوشۇلۇپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ .پەقەت ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر تال ئالمىنى ئىستىمال قىلغاندا ،ناھايىتى تېزلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

2. ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ .ئالمىنىڭ تەركىبىدە سېللۇلوزا بىلەن ئورگانىك كىسلاتا ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى نورماللاشتۇرۇپ .ھاجەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ .ئۈچەيدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى ھەيدەپ ،قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

3.ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى سەزگۈرلىكىگە نىسبەتەن ، ئالما ئىستىمال قىلىش بەدەنگە كېرەكلىك بولغان ئىسسىقلىق ۋە ۋىتامىن تولۇقلايدۇ .بۇنىڭدىن سىرىت يەنە كۆڭلى ئېلىشىش ئالامىتىگە شىپا بېرىدۇ

.

4. يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . ئالمىنىڭ تەركىبىدەكۆپ مىقداردا كالىي بىلەن ئاز مىقداردىكى ناترىي بار بۇلۇپ ،ئالما تەركىبىدىكى كالىي بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى ناترىي بىلەن بىرىكىپ ،كېرەكسىز ماددىنى سىرىتقا چىقىرىپ تاشلايدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن دائىم ئالمىنى ئىستىمال قىلغاندا ياكى ئالما شەربىتىنى ئىچىپ بەرگەندە ،يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا بەلگىلىك ئۈنۈم بېرىدۇ .يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،ئامېرىكا ۋە ياپونىيە قاتارلىق تىبابەت كەسپى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ،ئالمىنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلەشتىكى ياخشى دورا ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

5.بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق .ئالما تەركىبىدىكى ئېرىشچانلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە فوسفور بىلەن تۆمۈر ھەزىم قىلىشنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق بۇلۇپ ، بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .ھەمدە بوۋاقلارنىڭ ئىمونىت كۈچىنىڭ ئاجزلاپ كېتىشتەك ئالامەتلەرگە شىپا بولىدۇ .

6. ئۇرۇقلىتىش رولى . ئالما تەركىبىدىكى ۋىتامىن ۋە ئالما كىسلاتاسى ئادام بەدىنىدىكى ئارتۇقچە مايلارنى پارچىلاپ ،سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .ماي ماددىسى ئېشىپ كەتكەنلەر ئالما يېيىشنى سىناپ كۆرسە بولىدۇ .

7. قان ئازلىقنىڭ ئالدىن ئالىدۇ . داۋاملىق ئالما ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ،گېموگلوبىن مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ، تېرە رەڭگىنى ياخشىلايدۇ .قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا دائىم ئالما ئىستىمال قىلىپ بېرىشمۇ بىر داۋالاش جەريانى ھېسابلىنىدۇ .

8.قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ .ئالما تەركىبىدىكى ۋىتامىن E چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان بۇلۇپ ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىشتا ياخشى رول ئوينايدۇ

.

9.قەنت سىيىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .ئالما تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى خولېستېرىن ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئېشىپ كەتمەسلىكىگە ياردەم بېرىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن ئالما ئىستىمال قىلى ش قەنت سىيىش كېسىلى بىمارلىرىغا بەلگىلىك ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ .

10.ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ .ئالما تەركىبىدە سىنىكمۇ بار بۇلۇپ ،سىنىكنىڭ بەدەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بارلىقى ئىسپاتلانغان .ئەگەر ئادەم بەدىنىدە سىنىك كەملەپ كەتسە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ .

بۇنىڭدىن سىرىت يەنە ئالما يېيىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نەچچە نۇقتىمۇ بار ..ئالمىنىڭ ئۇرۇقىنى يېمەسلىك كېرەك
ئالما ئۇرۇقى تەركىبىدە ئاز مىقداردىكى زىيانلىق ماددا ___ گىدروسىيانىد بار بولۇپ، گىدروسىيانىد بەدەنگە كۆپ مىقداردا يىغىلىپ قالسا، باش قېيىش، باش ئاغرىش، نەپەسلىنىش سۈرئىتى تېزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا، ھوشسىزلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.بىراق ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئالما تەركىبىدىكى گىدروسىيانىد ئاساسلىقى ئالما ئۇرۇقىدا بار بولۇپ، ئالما ئېتىدە يوق.دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ،ئالما تەركىبىدە تاننىن كىسلاتاسى بار بولۇپ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلغاندا، تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپلا قالماي يەنە، قورساق مۇجۇپ ئاغرىش، كۆڭلى ئىلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.تەركىبىدە تاننىن كىسلاتاسى بار بولغان مېۋىلەردىن يەنە بۆلجۈرگەن، شوخلا، ئانار، لىمون، ئۈزۈم قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلارنىمۇ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :



خەتكۈچلەر:
19-04-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: شىنخۇا تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
09-04-2016
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشكە ھېرىسمەن بولۇشى ئاسانلا ‹‹تېلېۋىزور كېسىلى››نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تېلېۋىزور بالىلارنىڭ كۆزى، قولى ۋە مېڭىسىنىڭ ماسلاشما ھەرىكىتىنى ئازايتىۋېتىدىكەن. ئېكراندىكى تېز سۈرئەتلىك كۆرۈ...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...