ئەنگلىيەلىك ئايال ئىككى يىلدا 80 كىلوگرام ئورۇقلىدى

        بۇ يىل 41 ياشقا كىرگەن شالا ھازىر قارىماققا تولىمۇ نورمال. بىراق ئۇ 33 يېشىدا بەدەن ئېغىرلىقى 140 كىلوگرامدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، 50 كىلوگرام كېلىدىغان سىڭلىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا تۇنجى يولدىشى بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلغانىدى.

ئەينى ۋاقىتتىلا ئۇ سىڭلىسى بىلەن بولغان غايەت زور پەرقتىن خىجىللىق ھېس قىلغان بولسىمۇ بىراق 10 يىلدىن كېيىن ئاندىن ئورۇقلاشنى قارار قىلغان. شالا ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ئىككىنچى يەنى ھازىرقى يولدىشى بىلەن توي قىلغان، بىراق بۇ قېتىم ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئارانلا 59 كىلوگرام كېلىدۇ.

2009-يىلىدىكى يېڭى يىللىق يىغىلىشتا 35 ياشلىق شالا ئۇسسۇل مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، يېڭىدىنلا روژدېستۋو بايرىمى سەۋەبلىك تېخىمۇ سەمرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن دوستلىرىنىڭ ھەيرانلىق ئىچىدىكى نەزىرىدىن تولىمۇ خىجىل بولۇپ، شۇ كېچىسىلا ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم قارارنى چىقارغان.


فرانسىيەدىكى ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن شالا ئوزۇقلىنىشىنى تىزگىنلەپ چېنىقىشنى باشلىغان. 2010-يىلى 1-ئايدا رەسمىي ھالدا ئورۇقلاشنى قارار قىلغان شالا مەلۇم ژۇرنالدا ئىشتىھا تىزگىنلەش داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ يولدىشىنىڭ مەدەت بېرىشى ئاستىدا بىر يىللىق دەرسكە تىزىملاتقان، شۇئان شالا ئۆزىنىڭ ئىشتىھاسى ۋە كەيپىياتىنى قانداق تۇراقلاشتۇرۇشنى ئۆگەنگەن.


شۇندىن تارتىپ ئۇ تاماقنى ئازايتىپ، كۈندە 4 قېتىم چېنىقىش ئۆيىگە بېرىشنى ئىزچىللاشتۇرغان، نەتىجىدە 9 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا 45 كىلوگرام يېنىكلىگەن.

2011-يىلى، شالانىڭنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 60 كىلوگرام ئەتراپىدا تىزگىنلىنىپ، جەمئىي 80 كىلوگرام ئورۇقلىغان.

2012-يىلى 4-ئايدا ئۇ سابىق يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ، يىل ئاخىرىدا 26 ياشلىق ئادام بىلەن تونۇشۇپ 2015-يىلى 7-ئايدا ئۆزىدىن 12 ياش كىچىك بۇ يىگىت بىلەن توي قىلغان.



خەتكۈچلەر:
12-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
     ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا لوس ئانژېلىسلىق 43 ياشقا كىرگەن ئادەم بەدىنى رەڭلىك سىزما سەنئەتكارى مايكېل روسنىر ھەقىقىي ئادەمنىڭ بەدىنىگە رەسىم سىزغان. ئۇ ئاساسىي ...
06-05-2016
    ئەرەب تارىخىدا ئىن بەتتۇتە ئىسىملىق شۇنداق بىر مەشھۇر سايياھ ئۆتكەن. ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبن ئابدۇللاھ ئىبن مۇھەممەد ئىبن بەتتۇتە ئەل تانجى بولۇپ، 1304-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ماراكەشنىڭ تانگيېر دې...
06-05-2016
ئەينى يىللاردىكى «گۇگۇمدىكى شەھەر» فىلىمىدە باش رول ئېلىپ نۇرغۇنلىغان قىزلارنىڭ قەلبىگە ئوت سالغان ئېدۋارد! بۇ! بۇ! بەك ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ قانداق؟! ساقاللىرى ئۆسۈپ، چاچلىرى قالايمىقانلىشىپ كېتىپتىغۇ! توۋا! بۇ ئىكك...
06-05-2016
    ئامېرىكا ۋاقتى 4-ماي، جۇدى فوستېر چولپانلار كوچىسىغا ئىسمىنى قالدۇردى. ئۇ ئۇچىسىغا كاستوم بۇرۇلكا كىيگەن بولۇپ، چولپانلار كوچىسىغا ئىسمىنى قالدۇرۇش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ھاياجانلاندى، كرسىتىئان سىتۇئارت ئۇنىڭغا ھەمر...
06-05-2016
    يېقىندا كېنەز كەيت مىدىلتون ئەنگىلىيە نۇسخىسىدىكى «Vogue» نىڭ 6-ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 100-يىللىق سانىنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىگە چىقتى.
06-05-2016
   سەھىپە سۆزى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ...
06-05-2016
    11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشنى قوزغاپ بازا تەشكىلاتىغا زەربە بەردى، بىراق بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادىننى تۇتۇش جەريانى ناھايىتى قېيىن بولۇپ ئاخىرى پا...
05-05-2016
     بۇرۇن بەزى تاراتقۇلار مىلاننىڭ يىڭى بىر نۆۋەتلىك مەشقاۋۇل نامزاتىغا پېللېگرىنىنى بىكىتكەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تارقاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پېللېگرىنىمۇ مانچېستېر شەھەر كوماندىسى بىلەن خانلىق مادرىدنىڭ مۇساب...
05-05-2016
    رىگان، تولۇق ئىسمى Ronald Wilson Reagan، ئۇ 1911-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2004-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، ئامېرىكىنىڭ ئىللىئونىس شىتاتىدىكى تامپىكو شەھىرىدىن، ئامېرىكىلىق داڭلىق ئوڭچىل سىياسىئون، ئىلگرى...
05-05-2016
    ئامىر خان  بۇ يىل 12-ئايدا فىلىمى «Dangal»نى قويۇشقا تەييارلاندى. بۇ فىلىمدە ئامىر خان بىر چېلىشچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. فىلىم ئۈچۈن بۇ ئارتىس كشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوبراز ئۆزگىرىشى ئېلىپ باردى.   ...
Powered by Leglek