12-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋىرى: ھىندونېزىيە شىمالىي سۇماترا ئارىلى، 2014-يىلى Sinabung يانار تېغى پارتلىغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى نۇرغۇنلىغان پۇقرالار يۇرت-ماكانىنى تاشلاپ سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولغان.
ئەنئەنىگە ئاساسەن، ھىندونېزىيىدىكى مۇسۇلمان ياشلار ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويۇشتىن بۇرۇن چوقۇم خەتنە قىلدۇرۇشى لازىم. فوتوگراف شىمالىي سۇماترا ئارىلىدىكى مۇساپىرلارنىڭ كوللىكتىپ خەتنە قىلىش نەق مەيدانىنى رەسىمگە تارتقان.
خەتنە قىلىش بولسا ئوغۇللارنىڭ زەكىرىنى ئوراپ تۇرغان ئارتۇقچە تېرىنى كېسىپ ئېلىۋىتىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆتكۈزىدىغان ناھايىتى مۇھىم مۇراسىملارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ھەم «سۈننەت» دەپ قارىلىدۇ.
دىنىي ئەھكاملاردا مۇسۇلمان ئوغۇللار 7-8 ياش ۋاقتىدا ياكى 12 يېشىدا چوقۇم خەتنە قىلدۇرۇشى لازىم دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، ناۋادا بالىلىق مەزگىلىدە خەتنىسى قىلىنماي قالغان بولسا قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن تولۇقلاپ قىلدۇرسىمۇ بولىدۇ.
يۇقارقى رەسىمدىكىسى كوللىكتىپ خەتنە قىلىش نەق مەيدانىدىكى كۆرۈنۈش
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved