ئورگان : جاڭ شىجې ۋورسبۇرگ قەلئەسى كۇلۇبىغا قوشۇلدى

پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبى ئورگان تەرەپ جاڭ شىجې نىڭ گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى بۆرە قەلئەسى ۋورسبۇرگ كۇلۇبىغا يۆتكەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۆرە قەلئەسى ۋورسبورگ كۇلۇبىنىڭ دېرىكتورى ئارۋۇس نىڭ ئاشكارىلىشىچە جاڭ شىجې كۇلۇب بىلەن ئىككى يېرىم يىللىق توختام تۈزگەن. يۆتكىلىش باھاسى بىر مىلىيۇن 500 يۈز مىڭ ياۋرو بولۇپ بۆرە قەلئەسىدە 29- نومۇرلۇق كىيىمنى كىيىدىكەن. كىيىمىنىڭ كەينىگە « ZHANG » دەپ يېزىلىدىكەن.

 

جاڭ شىجې 1991-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلغان بۇلۇپ 24 ياشقا كىرىش ئالدىدا. بوي ئېگىزلىكى 180 سانتىمىتىر . خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھرىدە تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا چىنخۇاڭداۋ پۇتبول مەكتىپىنىڭ مەشىقىنى قۇبۇل قىلغان. ئاخىرىدا بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبىغا قۇشۇلغان.

 

2009-يىلى 8-ئايدا جاڭ شىجې بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا شەندۇڭ لۇنېڭ كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان. 2010-يىلى ئۇ ئىسپانىيەگە بېرىپ مەشىق ئېلىپ بارغان ھەم زىدانى نىڭ يېتەكلىشىگە ئېرىشكەن. 2010-يىلى بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا خېنەن قۇرۇلۇش كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. 2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ياخشى يېڭى توپچى مۇكاپاتىغا ئېرشكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقىم ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن. ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ جۇڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بقرلەشمىسىنىڭ دۆلەت ئىچى توپچلىرى ئىچىدە ياردەمچى پاس شاھى بولغان.  

 

جاڭ شىجې 2011-يىلى تۇنجى قېتىم جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن. ھەم شۇنىڭدىن كېيىنكى كۆپ مۇسابىقىلەردە ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان. 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇڭگۇ بىلەن ئىراق ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە جاڭ شىجې نۇقتا توپنى كىرگۈزۈپ جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىيە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشىشىگە چوڭ ياردەم قىلغان. بىراق پېررىن دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى بولغاندىن بېرى يېقىنقى بىر نەچچە قېتىم دۆلەت كوماندىسىنىڭ چوڭ تىزىملىكىدە جاڭ شىجې نىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى.

 

جەمئى 9 نەپەر جۇڭگۇلۇق توپچى بەش چوڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدە توپ تېپىپ باققان. ئۇلار بولسا ياڭ چېن ( فىرانكوف كۇلۇبى). سۈن جىخەي ( مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى ) . لى جىنيۈ ( جەنۇبى سىل كۇلۇبى ) . لى تىيې ( ئېۋىرتون كۇلۇبى ) . لى ۋېيفېڭ ( ئېۋىرتون كۇلۇبى ) . شاۋ جىيايى ( مىيۇنخېن 1860 كۇلۇبى ۋە كېرتىبۇس كۇلۇبى ) . دوڭ فاڭجۇ ( مانچىستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبى ) . جېڭ جى ( چالتۇن كۇلۇبى ) . گاۋ جۈنۋېن ( شالكى 04 كۇلۇبى ) قاتارلىقلار. ما مىڭيۈ 2000-يىلى ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى پىرۇگا كۇلۇبىغا قوشۇلغان. بىراق مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. جاڭ شىجې نىڭ بۇ قېتىم گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە قۇشۇلۇشى 2011-يىلى گاۋ جۈنۋېن شالكى 04 كۇلۇبىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى جۇڭگۇلۇق توپچىنىڭ تۇنجى قېتىم بەش چوڭ بىرلەشمىگە قوشۇلىشى ھېسابلىنىدۇ.



خەتكۈچلەر:
17-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
  5-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە، ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى ئا س مىلان كوماندىسىنىڭ تۆھپىكار قاپقىچىسى ئاببىياتى بۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئا س مىلان كوماندىسى بىلەن رىم كوماندىسى ...
14-05-2016
  2016-يىلى 29-ماي سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 2:45 دا، 2016-2015-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدىكى سان سىرو پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇسابىقىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى قوشماق مادرىد ...
14-05-2016
 بېيجىڭ ۋاقتى 14-ماي سەھەردە، ئۇراگۋاي بۇ يىل يازدا يۈز يىللىق ئامېرىكا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 23 ماھىرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىككە سۇئارېز ۋە كاۋانى باشلامچى ماھىر سۈپىتىدە تاللانغان.    ب...
14-05-2016
2016-يىلى 13-ماي سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى 8:30 دە، 2016-2015 يىللىق NBA پەسىلدىن كېيىنكى غەربىي رايون يېرىم ھەل قىلغۇچ 6- ئۇچرىشىشى ئوينالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چاقماق كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا تاقا كوماندىسىنى 99-113 نومۇر بىلەن مەغلۇپ قىلىپ،...
14-05-2016
 ئالدىنقى ھەپتە سۇلياۋدىن مېسسىنىڭ كىيىمىنى ياساپ كىيگەن بالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆلۈم تەھتىدىگە ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان، ھازىر تېررورچىلار ئىراقتىكى خانلىق مادرىد توپخۇمارلار كۇلۇبىغا ھۇجۇم قىلدى. شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 13-كۈ...
14-05-2016
   2016-يىلى 14-ماي كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:00 دە، 2016-2015-پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 38-ئايلانمىسىدا، خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا لاكورۇنا بىلەن، بارسېلونا مېھمان مەيداندا گىرانادا بىلەن ھايات ماماتلىق رىقابەتلىشىدۇ. ...
14-05-2016
«كوماندا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلشىچە، پارىژ سانت گېرمان مادرىد ئاتلېتكىنىڭ فىرانسىيەلىك ھۇجۇمچىسى گېرىزمانغا قىزىقىپ قالغان. شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىبراھىموۋىچ بۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان...
14-05-2016
     ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لېيچېستىر شەھىرى ھۇجۇمچىسى ۋاردى بۇ پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالانغان. ۋاردى بۇ پەسىل لېچېستىر شەھىرىگە ۋاكالىتەن 35 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ...
13-05-2016
    گۆتىزنىڭ بۇ پەسىلدە بايرېندا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى ئانچە كۆپ بولمىدى، كۆپ قىسىم ۋاقتتا زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى ھەمدە بىرلەشمىدە پەقەت بىر توپ كىرگۈزدى. 23 ياشلىق گۆتىز بۇ يازدا يۆتكىلىشنى ئويلاشتى، ئەنگىلىيە ت...
13-05-2016
      خانلىق مادرىد «ماركا پۇتبولى Facebook مۇكاپاتى»نىڭ مۇكاپات تارقىتىش سەھنىسىدە ئەزالىرى ئەڭ كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كوماندا بولۇپ قالدى. خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ناۋاس، مارسېلو، مودرىچ، رونالدو قاتارلىق كوماندا...
Powered by Leglek