بىر ئەر تاماكا چېكىشنى چەكلەش پىدائىيسىنىڭ بارمىقىنى سۇندۇرۇۋەتتى

         قانۇنچىلىق كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاماكا چېكىشنى چەكلەش پىدائىيسى تاماكا چەككۈچىنى نەسىھەت قىلىپ توسقاندا، تاماكا چەككۈچى ئۇيالغىنىدىن ئاچچىقلىنىپ پىدائىينى ئۇرۇپ بارمىقىنى سۇندۇرۇۋەتكەن. مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى، ئىككى نەپەر پىدائىي بايلىق  مەركىزىدە قانۇنسىز تاماكا چېكىش قىلمىشىنى نەسىھەت قىلىپ توسقاندا، تاماكا چەككۈچى تەرپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان، ھەمدە ئىچىدىكى بىر پىدائىينىڭ ئوڭ قولىنىڭ چىمچىلاق بارمىقى سۇنغان. بېيجىڭ تاماكا چېكىشنى چەكلەش جەمئىيىتى چۈشتىن بۇرۇن بۇ قىلمىشنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە ئادەم ئۇرغۇچىنى تېزدىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا مۇراجىئەت قىلغان.

      بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، قانۇنچىلىق كەچلىك گېزىتى مۇخبىرىنىڭ، بېيجىڭ تاماكا چېكىشنى چەكلەش جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ھەپتىنىڭ 3-كۈنى پىدائىي لى ئەپەندىم بىلەن يەنە بىر پىدائىي بايلىق مەركىزىدىكى بىر ئۆينىڭ ئىچىدە تاماكا چەككەن كىشىنى نەسىھەت قىلىپ توسقاندا، ئۇيالغىنىدىن ئاچچىقلانغان تاماكا چەككۈچى، پىدائىينى ئۇرۇپ قولىنى يارلاندۇرۇپ، قېچىپ كەتكەن. كەينىدىن ئىككى نەپەر پىدائىي چاۋياڭ دوختۇرخانىسىدا كېسەل كۆرسەتكەن، ھەمدە دوختۇرخانىنىڭ دىئاگنوز ئىسپاتىغا لى ئەپەندىمنىڭ ئوڭ قولىنىڭ چىمچىلاق بارمىقىنىڭ سۇنغانلىقى يېزىلغان.  

        نۆۋەتتە، ئادەمنى يارىلاندۇرغان كىشى تېخى تۇتۇلمىغان. ساقچى تەرەپ ئادەمنى يارىلاندۇرغۇچىنىڭ شىركىتىگە بېرىپ سۈرۈشتە قىلغاندا، شىركەت ئۇ كىشىنىڭ كىملىك ئۇچۇرى بىلەن  تەمىنلىگەن، نەتىجىدە تەمىنلىگەن كىملىك ئۇچۇرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى بايقالغان.نۆۋەتتە، ئادەمنى يارىلاندۇرغان كىشى خىزمەت قىلىدىغان شىركەت، پىدائىيغا تۆلەم تۆلىگەن. بېيجىڭ تاماكا چېكىشنى چەكلەش جەمئىيىتى بۈگۈن يارىلانغان پىدائىيدىن ھال سورىغان. شەھەرلىك سەھىيە نازارەت باشقارمىسى، تاماكىنى چەكلەش پىدائىيلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى، ھەمدە قانۇنسىز تاماكا چىكىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

        2015-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭ تارىختىكى ئەڭ قاتتىق تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغاندىن باشلاپ، تاماكا چېكىشنى چەكلەش بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نورمال ھالەتتىكى خىزمىتىگە ئايلانغان. مۇشۇ مۇناسىۋەتتە، بېيجىڭ شەھىرى «ھەر ھەپتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى، تاماكىنى چەكلەش» ھەرىكىتىنى ئىشقا سالغان، ھەمدە ھەر بىر پىدائىينىڭ ھەپتىنىڭ 3-كۈنى، ئۈچ قېتىم تاماكا چېكىش قىلمىشىنى چەكلىشى، ئۈچ دانە تەشۋىقات بويۇمى تارقىتىشى، ئۈچ ئاممىۋىي سورۇننى چارلىشى بەلگىلەنگەن.

     ئىگىلىنىشىچە، تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، ئىشخانا بىناسىنىڭ تاماكا چېكىشنى چەكلەش خىزمىتى ئىزچىل مۇھىم ۋە قېيىن نۇقتا بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ قىش كىرىپ ھاۋا سوۋۇغاندىن باشلاپ، كىشىلەرنىڭ ئىشخانا ئىچىدىكى پائالىيىتى مۇئەييەن دەرىجىدە كۆپەيگەن، ھەمدە تاماكا خۇمارى بارلار ئىشخانىدا تاماكا چېكىشكە باشلىغان، كارىدور بىلەن ھاجەتخانا ئۇلارنىڭ تاماكا چېكىدىغان ئاساسلىق ئورنىغا ئايلانغان. مۇشۇ مۇناسىۋەتتە، بېيجىڭ تاماكا چېكىشنى چەكلەش جەمئىيىتى قاۋاقخانا، تورخانا، يېمەك-ئىچمەك ۋە كۆڭۈل ئېچىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا  قارىتا مەخسۇس ھەرىكەتنى يولغا قويغان.



خەتكۈچلەر:
06-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
07-02-2016
         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا...
06-02-2016
      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتك...
06-02-2016
      تاراتقۇلارنىڭ رۇسىيە لىۋادا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، %72 رۇسىيەلىك جۇڭگوغا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-...
06-02-2016
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ ئىستىرېئولوق ئاپپارات يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى مىكرو ئاپپارات سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
06-02-2016
     قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دەرىغە نۇر سۇلتان قىزى نەزەربەيىۋا 5- فېۋرال، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا، قازاقىستانلىقلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ دې...
06-02-2016
            تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
06-02-2016
        بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاك تۈنۈگۈن: يېقىندا ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تىنچلىقنى ساقلاش خادىملىرى پۇقرالارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش شىكايىتىگە چېتىلىش ئەھۋاللىرى...
06-02-2016
         تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، بېيجىڭ ساقچى تەرەپ شەھەر بويىچە قۇلۇپ كەسپى نام-ئىسىملار خاتىرىسى تۈزۈمى بويىچە ئا...
06-02-2016
          2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى برازىلىيە سان پاۋلودا شادلىق بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى، سامبا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئارتىسلىرى سان پاۋلو شاتلىق بايرىمىدىكى نامايىشقا قاتناشتى.
Powered by Leglek