يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى پىلانىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كۆپ يوللۇق ئاسىيا ياۋروپا قۇرۇقلۇقى يولىنىڭ تۇنۇشتۇرۇلۇشىغا بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەسلىدىكى ئىستراتېگىيە ئارقا سېپى جۇڭگونىڭ غەربى رايوننى ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپىنى ئۆزگەرتتى.
1990-يىلى ئۈرۈمچىدە ئالاتاۋ ئېغىزىدىن ئۆتىدىغان تۇنجى پويىز قاتنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا يولۇچىلار پويىزى بېيجىڭدىن ئۈرۈمچى ئارقىلىق ئالمۇتا، موسكۋا قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان بولدى ھەمدە چۇڭچىڭ، چېڭدۇ، جېڭجۇ، ۋۇخەن، شىئەن ھەتتا گۇاڭجۇ ۋە جېجياڭنىڭ يىۋۇدىن يۈك قاچىلىغان خەلقئارا يۈك پويىزلىرىمۇ بۇ يەر ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە بارىدىغان بولدى، ئالاتاۋ ئېغىزى يېڭى ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىدىكى مۇھىم تىرەك نۇقتىسىغا ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىغا ئايلاندى.
يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى جۇڭگو دائىرىسىدىكى لىنىيە بويىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى روشەن، رايون دائىرىسىدە دۆلەتنىڭ 1-دەرىجىلىك چېگرا ئېغىزىدىن 17سى ، 2-دەرىجىلىك چېگرا ئېغىزىدىن 12سى بار. غۇلجا شەھىرى شىنجاڭنىڭ ئىلى جىلغىسىدىكى ئاساسلىق مال ئوبوروت ھالقىسى ۋە تاۋارلارنى يىغىش -تارقىتىش ئورنى، ئاسىيا ياۋروپا ئىقتىسادى ھەمكارلىقىدا ئۆزگىچە مۇھىم رول ئوينىماقتا.
تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە چوڭ يولى، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى. 2014-يىلى 11-ئاپرېل 3-ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى كۆۋرۈكىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى دەپ ئاتالغان قارامايدىن چۆچەككە بارىدىغان شېرىكلەشكەن تۆمۈر يولدا رەسمىي ئىش باشلاندى. مۆلچەرلىنىشىچە 2017-يىلى 6-ئايدا پۈتتۈرۈلۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇشى مۇمكىن، بۇ ئېلىمىزدىكى بوخەي دېڭىزىدىن ئىچكى موڭغۇل، گەنسۇ، شىنجاڭنىڭ چۆچەك ئارقىلىق ئاستانە ، موسكۋا، مىنىسكىغا بېرىپ بالتىق دېڭىزىغا كىرىشتىكى ئەڭ قولاي يولغا ئايلىنىدۇ.
تۆمۈر يول، تاشيول ۋە ئاۋىياتسىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى قاتناش تىرانسپورت شەكلىدىن باشقا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ئارىسىدىكى نېفىت تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى، خەۋەرلىشىش كابېلى ۋە توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ياكى پىلانىمۇ كەينى-كەينىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا ۋە تۈزۈلمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved