بىر ئەر مەمۇر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، يالغاندىن «ئۇنۋېرسىتېتنىڭ تولۇق كۇرس دىپلومى»نى بېجىرىپ بېرەلەيمەن دەپ، ئىلگىرى كېيىن ئالتە ئادەمنى ئالداپ، جەمئىي 60 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلىنى قاقتى-سوقتى قىلغان. 15-يانۋار ياۋxx تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىندى. 17-يانۋار مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئىقتىساد تېخنىكا ئېچىش رايونى تارماق ئىدارىسىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن ياۋxxنىڭ رەسمىي خىزمىتى يوق. 2014-يىلى مايدا دوستلىرىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن 20 ياشلىق ۋاڭ لىن بىلەن تونۇشقان ھەمدە ئۇنىڭغا كۆڭلى چۈشۈپ قالغان، ئۇ ۋاڭ لىنغا ئۆزىنى ئاپتونوم رايونلۇق مەلۇم كۆمۈركان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تارمىقىدا خىزمەت قىلىمەن دەپ تونۇشتۇرغان. تونۇشۇپ 20 كۈندىن كېيىن ئىككەيلەن مۇھەببەتلەشكەن.
2014-يىلى سېنتەبىردە ۋاڭ لىن ياۋxx گە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىشكە قاتنىشىپ، ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس دىپلومى ئالغاندىن كېيىن ياخشىراق خىزمەت تېپىشنى ئويلىغانلىقىنى ئېيتقان. ياۋxx بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يالغاندىن ئۆزىنىڭ بىر تۇغقىنى بارلىقىنى، شىنجاڭدىكى مەلۇم داڭلىق ئالىي مەكتەپتە پروفېسسور ئىكەنلىكىنى، ئىچكى قىسىمدا كۆرسەتكۈچ ھەل قىلالايدىغانلىقىنى، ئوقۇمايمۇ ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس دىپلومى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، لېكىن 8000 يۈەن تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئالدىراپ تۇرغان ۋاڭ لىن ياۋxx نىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنگەن ھەمدە پۇل ۋە دىپلوم ئېلىشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئۇنىڭغا بەرگەن. ۋاڭ لىننىڭ «ۋاستىچى» بولىشى بىلەن ياۋxx يەنە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ۋاڭ لىننىڭ ئاچىسى ۋە تۆت خىزمەتدىشىنى ئالداپ، جەمئىي 60 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى قاقتى-سوقتى قىلغان.
يالغاننى تېخىمۇ بەكرەك قاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ياۋxx يۇقىرىقى زىيانلانغۇچىلارغا 2015-يىلى ئىيۇلدا ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىلا ئاندىن دىپلومنى بىللە ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 2015-يىلى ئىيۇلدىن ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ۋاڭ لىن قاتارلىق زىيانلانغۇچىلار كۆپ قېتىم ياۋxx دىن دىپلومنىڭ ئىشىنى سورىغان، ياۋxx ھەمىشە باھانە تېپىپ ئۆزىنى قاچۇرغان. تاكى 2015-يىلى 22-ئۆكتەبىرگىچە ئالىي مەكتەپ دىپلومى يەنىلا قولىغا تەگمىگەنلىكتىن، زىيانلانغۇچىلار بەس-بەستە ياۋxx غا ھۆججەت يازدۇرىۋالغان، كېيىن ياۋxx دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. ۋاڭ لىن قاتارلىق كىشىلەر شۇندىلا ئالدانغانلىقىنى بىلىپ دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان.
2015-يىلى 24-دېكابىر، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزال ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا ياۋxx نى تۇتتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ياۋxx يۇقىرىقى جىنايى قىلمىشلىرىنى تولۇق ئىقرار قىلىپ، ئالداپ ئېلىۋالغان 60 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى بۇزۇپ-چېچىپ تۈگەتكەنلىكىنى ئېيىتتى. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرىلىۋاتىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved