ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشى ئۈستىدە ئويلىنىشى كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى كۆزلىگەنلىك

‏ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشى ئۈستىدە ئويلىنىشى پەقەت كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى كۆزلىگەنلىك.ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغاشنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۆلچىمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ماھىيەتلىك مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرسا، ئەخلاقى بۇرچىنى ئادا قىلالماسلىقى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن كونا قىلتاقتىن قۇتۇلۇشقا كاپالەتلىك قىلالماسلىقى مۇمكىن.


يېقىندا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراق ئۇرۇشى ئېغىر خاتالىق. ئەينى يىلى ئىراقنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشقاندا قالغان قارا بۇلۇت ئىراقنى يەنىلا قاپلاپ تۇرماقتا.


ئىراق ئۇرۇشىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىش ئوباما ھۆكۈمىتى تاشقى دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى. ھازىر ئىراقتىكى ئەسەبىي قۇراللىق يېڭى كۈچلەر بىردىنلا پەيدا بولۇپ، دۆلەتنىڭ يۆنىلىش خېيىم خەتىرى كەسكىنلەشمەكتە. كىررىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئېغىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.


ئىراق ئۇرۇشى ئامېرىكىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىك خۇسۇسىي مەنپەئەت ئاڭ فورماتسىيىسى بىلەن ئۆزىگە تەمەننا قويغانلىقىدىن بولدى.نوقۇل ھەربىي ھەرىكەت ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنى ئاغدۇردى،خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي ئۆلچىمىگە تەسىر يەتكۈزدى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا قارىتا ئاساسىي ئورتاق تونۇشقا ئىگە.


بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشى خاتالىق نەزەرىيىسى مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە تىگەلمىدى، بىراق ئۆز مەنپەئەتكە ئېرىشكەن ياكى يېتىلمىگەنلىكىمنى ئۆلچەيدىغان تارازا بولۇپ قالدى. كىررى بۇ قېتىم ئىراق ئۇرۇشى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلغان چاغدا بۈگۈنگىچە ئامېرىكىنىڭ ئەينى يىللىرى ئىراقنىڭ سىياسىتىگە ئارىلىشىشتىن قېلىپ قالغان مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا يەنىلا ئامالسىز قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.


ئامېرىكىدىكى قىسمەن ئىستراتېگىيە تەھلىلچىلىرى ئىراق ئۇرۇشى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قالدۇرغان ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا بىردىن بىر بولۇش كۈچىنى ئىسراپ قىلغانلىقىغا ئېچىندى.


‏گەرچە ئوباما ھۆكۈمىتى قىرىم قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا رېئاللىققا ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ماسلىشىشنى بەلگىلىك دەرىجىدە نەزەردە تۇتتى. لېكىن ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى يېتەكچىلىك ھوقۇقنى تىزگىنلەش ئېڭى ئاجىزلىمىدى. ھەر قانداق ئىشتا خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۆلچىمى بويىچە ئىش قىلىش ۋاشىنگتوننىڭ لوگىكىسىغا يەنىلا ئايلانغىنى يوق.


ئامېرىكا ئىنسانلار پاراۋوزى، دۇنيانىڭ قالغان يېرى ئۇ سۆرەپ ماڭىدىغان ۋاگون. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىنى تۈزۈشكە تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى ، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى دىئان ئىچسوننىڭ سۆزى ئامېرىكا دىپلوماتىيىسىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى سىياسىي قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئالبىرايىت ھەتتا ئۆز ئالدىغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى ئاقلاپ مۇنداق دېدى: بىز ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا مەجبۇر بولدۇق، چۈنكى بىز ئامېرىكا، بىز كەمكۈتىسىز دۆلەت. بىز ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرەلەيمىز. بۇ خىل تەپەككۇرنى ئاساس قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى جامائەتچىلىك ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە 35 مىڭ ئەسكىرىي كۈچنى تۇرغۇزۇشىغا نارازى بولۇپ، بۇ دائىرىسىنى تارايتقانلىق، يەككىچىلىك يولىغا قايتقانلىق دەپ تەنقىد قىلدى.


ئامېرىكىدىكى يېڭى مۇتەئەسسىپلەرنىڭ ۋەكىلى روبىرت كاگىن «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت پېنسىيىگە چىقسا بولمايدۇ، بىز بۇ ھالسىرىغان دۆلەت دۇنيا ئۈچۈن نېمىگە قەرز بولۇپ قالدۇق» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ چارچاشتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، دۇنيانى قۇتقۇزىدىغان بىردىن بىر ئادەتتىن تاشقى چوڭ دۆلەتلىك رولىنى قايتىدىن ئوينىشىنى سەمىگە سالدى.ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە چارچىشىدىكى سەۋەبتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق مەسىلىدە ئىلگىرى ئىراق ئۇرۇشىنى قوللىغان بۇ كىشى يەنىلا خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇۋالماقتا. چوڭ دۆلەتلەر ئەمەلىي كۈچ سېلىشتۇرمىسى تىز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان، خەلقئارا ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدە سىستېمىسى چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە ،زامانغا لايىق كەلمەيدىغان رەھبەرلىك رولىغا ئۆلگۈدەك ئېسىلىۋېلىپ، باراۋەر ھەمكارلىقنى چەتكە قاقسا، چارچاش ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىدۇ.


ئامېرىكا ۋيېتنام ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغانلىقى ئۈستىدە ئويلانغان ئىدى، لېكىن ئاسانلا ئۇرۇش قوزغاشتىكى تەكەپپۇرلىقى بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا،ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىدىكى خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشى پەقەت تۇنجى قەدەم. تېخىمۇ مۇھىمى خاتالىق مەنبەسىنى تېپىپ چىقىپ، ئەخلاق قاتلىمىدىن ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
08-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek