دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى كەلگۈسى 15 يىلدا تېخنىكا ساھەسىدە بارلىققا كېلىدىغان يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سېلىپ، دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان 20 خىل ئىلغار تېخنىكىنى رەتلەپ چىققان.
ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرگىلى بولىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون. 2023-يىلىغا بارغاندا دۇنيادىكى تۇنجى ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرگىلى بولىدىغان يانفون رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. گەرچە بۇ خىل يانفون ياشانغانلار، بىمارلار ۋە بالىلار قاتارلىق ئاجىز كىشىلەر توپىغا ياردەم بېرىش شۇنداقلا ئادەملەرنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزىتىپ تۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما شەخسي مەخپىيەتلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلىسىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىكەن، بەدەنگە كۆچۈرۈلىدىغان يانفون ئادەملەر تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى تەپسىلىي خاتىرلەش ۋە ئۇنى «قايتا قويۇش» ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا، ئادەملەرنىڭ پىسخىكىسىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
تور سالاھىيىتى. 2023-يىلىغا بارغاندا، دۇنيادىكى %80 ئادەم ئاساسەن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى، ئەپ ياكى تور بېكەتلەردە تور سالاھىيىتىنى ئىشلىتىدىكەن. بۇ ئادەملەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشىگە پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن ھەمدە سالاھىيەت ئوغرىلايدىغان ئىشلارمۇ كۆپلەپ يۈز بېرىدىكەن.
تاقىما ئۈسكۈنىلەر.2023-يىلىغا بارغاندا، 10/1 قىسىم كۆزەينەك ئۇچۇر كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن. گۇگېل كۆزەينىكى ۋە مەۋھۇم كۆرسەتكۈچ (كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسى) قاتارلىق تاقىما ئۈسكۈنىلەر ئوموملىشىپ، ئادەملەرنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشى ۋە خالىغان جاي، خالىغان ۋاقىتتا ئۇچۇرغا ئېرىشىشىگە قولايلىق يارىتىدىكەن، بىراق، بۇنىڭغا ئالاقىدار كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرمۇ يۈز بېرىپ، ئادەملەرنىڭ رېئال دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى سۇسلاشتۇرىۋېتىدىكەن.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىيىم. 2022-يىلىغا بارغاندا، 10/1 قىسىم كىشىلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياكى تورغا ئۇلىنالايدىغان كىيىم كىيىدىكەن. بۇنداق كىيىم كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ، سالامەتلىكىنى تېخىمۇ ياخشى ئاسرىشىغا پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما، بۇ خىل كىيىملەرنى كەيگەنلەر شەخسي مەخپىيەتلىكى ۋە ساغلاملىقىغا ئائىت سەزگۈر ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەن.
ئىنتېرنېت بىلەن قاپلانغان دۇنيا. 2024-يىلىغا بارغاندا، ئەرزان باھالىق كومپيۇتېر ۋە سىمسىز تور تېخىمۇ كەڭ ئوموملىشىپ، دۇنيادىكى %90 ئادەم تورغا چىقىش شارائىتىگە ئىگە بولىدىكەن، دېمەك، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر كەلگۈسىدە مائارىپ، داۋالىنىش، تاۋار ۋە مۇلازىمەت سېتىۋېلىش پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمان بولالايدىكەن.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار تويۇنۇش ھالىتىگە كىرىدۇ. 2023-يىلىغا بارغاندا، دۇنيادىكى %90 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قولىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بولىدىكەن.
ھەقسىز ساقلاش بوشلۇقى. 2018-يىلىغا بارغاندا، كىشىلەر ھەقسىز ھەم چەكلىمىسىز بولغان ساقلاش بوشلۇقىغا ئېرىشەلەيدىكەن، كونكرېت ئېيتقاندا، تورغا چىقىدىغانلارنىڭ %90 ى ئېلان بەرگۈچىلەر تەرىپىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىنىدىغان ھەقسىز ساقلاش بوشلۇقىنى ئىشلىتىدىكەن.
نەرسىنى تورغا ئۇلاش. 2022-يىلىغا بارغاندا، بىر تىرىليونغا يىقىن تورغا ئۇلىنىدىغان سېنىزور دۇنيا مىقياسىدا ئۇچۇر توپلاش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق ھەر خىل نەرسىلەر تورغا ئۇلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، مۇھىت بۇلغىنىشنى ئازايتىپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. بىراق، ئوخشاشلا شەخسي مەخپىيەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىۋېتىش خەۋپى بار بولۇپ، بىر قىسىم ئىش ئورنى ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەر تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنىدىكەن، خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش خەتىرىمۇ ماس ھالدا ئاشىدىكەن.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە جابدۇقلىرى. 2024-يىلىغا بارغاندا، ئائىلىدىكى تور ئېقىمىنىڭ يېرىمىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە جابدۇقلىرى ئىگەللەيدىكەن. چىراغ، پار، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئىشىك قۇلۇپى قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە مەھسۇلاتلارنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەنلىتىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئەقلىيلەشكەن، راھەت ۋە بىخەتەرلىككە ئىگە قىلىدىكەن. بىراق، تۇرمۇشنىڭ ھەممە قاتلاملىرىنى تەپسىلىي خاتىرلەپ ماڭىدىغان بۇنداق تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى يەنىلا شەخسي مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىۋېتىش مەسىلىسىدىن مۇستەسنا بولالمايدىكەن، نازارەت قىلىش قىيىن بولۇش ۋە توردا جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتىمۇ ماس ھالدا ئاشىدىكەن.
شەھەرلەرنى كومپيۇتېر ئارقىلىق باشقۇرۇش. 2026-يىلىغا بارغاندا، شەھەرلەر قىسمەن ھالدا كومپيۇتېر ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىكەن، مەسىلەن، چوڭ مەلۇمات توپلاش ۋە ئانالىز قىلىش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ، شەھەر قاتنىشىدا قىزىل-يېشىل چىراغ ئىشلىتىش بىكار قىلىنىدىكەن. بىراق، ئوخشاشلا، بۇ خىل يۈزلىنىشمۇ يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلارنى ئىز قوغلاش ۋە خاككېرلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن.
چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسى. 2023-يىلىغا بارغاندا، ھۆكۈمەت نوپۇس تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى توپلاشنى توختىتىپ، خىلمۇ-خىل سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا ساقلانغان خەلق ئاممىسىغا ئالاقىدار تەييار ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىدىكەن. بۇ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۆپ ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىكەن، خىزمەت ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ئەمما، بۇمۇ ئوخشاشلا شەخسي مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىشنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىدىمۇ بەلگىلىك مەسىلە ساقلىنىدىكەن.
ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ماشىنا. 2026-يىلىغا بارغاندا، ئاپتوماتىك يول يۈرەلەيدىغان ماشىنىلار بارلىق ئاپتوموبىل سانىنىڭ 10/1 ىنى ئىگەللەيدىكەن، بۇنىڭ بىلەن، قاتناش بىخەتەرلىكى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كىشىلەر ماشىنىدا يول يۈرگەندە ئۆزىنى قويۇۋېتىپ راھەت ئولتۇرالايدىغان ياكى بىمالال خىزمەت قىلالايدىغان بولىدىكەن. بىراق، بۇ خىل ماشىنىلار ئومۇملاشقاندىن كېيىن، بىر قىسىم تاكسى ۋە يۈك ماشىنىلىرىنىڭ شوپۇرلىرى خىزمىتىدىن ئايرىلىدىكەن، خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر (ماشىنا ئادەملەر) رەھبەرلىك قاتلىمىدىن ئورۇن ئالىدۇ. 2026-يىلىغا بارغاندا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر شىركەتلەرنىڭ مۇدىرىيەت ھەيئىتى بولۇپ سايلىنالايدىكەن، بۇ شىركەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغان، سانلىق مەلۇماتنى ئاساس قىلغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تەدبىر بەلگىلىگەندە بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىدىكەن، ھالبۇكى، بۇنىڭدا ئادەملەر بىلەن ماشىنا ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش راۋان بولماسلىق مەسىلىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى ھەممە ساھەلەرگە سىڭىپ كىرىدۇ. 2025-يىلىغا بارغاندا، 3/1 قىسىم كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىشلىك خىزمىتىنى ماشىنا ئادەملەر ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇمشاق دېتاللار «ئاق ياقىلىقلار» نىڭ خىزمىتىنى ئۆز قولىغا ئالغاندىن كېيىن، كارخانا باشقۇرۇش تەننەرخى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن. بىراق، ئىشەنچ مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن، ئۇندىن باشقا، قانۇن ۋە مالىيە تۈزۈمىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگىمۇ بىر قىسىم زۆرۈر بولغان ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدىكەن.
ماشىنا ئادەملەر «دورا تەڭشەش ئۇستىسى» بولىدۇ. 2021-يىلىغا بارغاندا، ئامېرىكىدا تۇنجى شەخسي ماشىنا ئادەم «دورا تەڭشىگۈچى» مەيدانغا كېلىدىكەن. ماشىنا ئادەملەر جەمئىيەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.
بىت تەڭگىسى بۆلەك زەنجىر تېخنىكىسى. 2027-يىلىغا بارغاندا، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتىنىڭ %10 ى بىت تەڭگىسى بۆلەك زەنجىرى (block chain) تېخنىكىسى ئارقىلىق ساقلىنىدىكەن. بۇ خىل تېخنىكا تەقسىملەنمە ھېسابات تۈزۈمىنى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ يېڭىدىن گۈللەنگەن رايونلاردا يېڭى تىپتىكى پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، بانكىلارنىڭ ئاكسىيە ۋەكالەتچىسى دېگەندەك پۇل-مۇئامىلە ۋاستىچىلىك ئورگانلىرىغا تايىنىۋېلىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. بىراق، مالىيە تۈزۈمىدە ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ۋە باج ئوغرىلىغۇچىلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئوڭ ماشىنا مۇلازىمىتى. 2025-يىلىغا بارغاندا، Zipcar قاتارلىق توردا ماشىنىنى ئورتاق ئىشلىتىش مۇلازىمىتى ئوموملىشىدىكەن. تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر «ئوڭ ماشىنا توسۇش» قاتارلىق شەكىللەردە ساياھەت قىلىدىكەن. بۇنىڭ مۇھت ئاسراشقا بولغان ئەھمىيىتى چوڭ بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش چىقىمىنى ئازايتىش رولىنى ئوينىيالايدىكەن.
3D پرىنتېر مۇلازىمىتى ھەممە يەرنى قاپلايدۇ. 2025-يىلىغا بارغاندا، تېخنىكا قوللىنىشچانلىقىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، %5 ئىستېمال بۇيۇمى 3D پرىنتېر تېخنىكىسى ئارقىلىق ياسىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن، ياسىمىچىلىق تەننەرخى تۆۋەنلەپ، كىشىلەر كىچىك تىپتىكى تاۋارلارنى خالىغانچە ياسىيالايدىغان بولىدىكەن. بۇ خىل يۈزلىنىش قىسمەن ئىش ئورنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىكەن، شۇنداقلا قورال-ياراقلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىكەن.
3D پرىنتېر تېخنىكىسىدا ياسالغان ماشىنا. 2022-يىلىغا بارغاندا، 3D پرىنتېر تېخنىكىسىدا ياسالغان تۇنجى ماشىنا رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. 3D پرىنتېر تېخنىكىسى تېخىمۇ كۆپلىگەن ياسىمىچىلىق كەسپىگە قوللىنىلىپ، مەھسۇلاتلارنى ئېچىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىشىدىكەن، مۇرەككەپ ئۇششاق زاپچاسلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئاسانلىشىدىكەن. ئەمما يېڭى تىپتىكى ئەخلەت ۋە مۇھىت بۇلغانمىلىرىنى پەيدا قىلىپ، مەلۇم كىشىلەرنىڭ ئىشتىن قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدىكەن.
3D پرىنتېر تېخنىكىسىدا ياسالغان ئەزا. 3D پرىنتېر تېخنىكىسىنىڭ ئەزا يېتىشتۈرۈش ۋە كۆچۈرۈش ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، 2024-يىلىغا بارغاندا تۇنجى قېتىم بۇ خىل تېخنىكىدا «بېسىپ چىقىرىلغان» سۈنئىي جىگەرنى ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ ئەزا تەقدىم قىلىش يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش تېخىمۇ گەۋدىلىنىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالىنىش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، ئەمما يىراقنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇنىڭ قانۇنسىز ئەزا يېتىشتۈرۈش ۋە كۆچۈرۈش قىلمىشلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى ئىكەن.
![]() |
بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقى تور بېكىتى 19-ئاپرېل مۇنداق خەۋەر بەردى: تويۇنۇپ كەتكەن جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرى نۆۋەتتە كەسكىن رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە.
«چوڭ كولا» يان تېلېفون شىركىت...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved