دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 24-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ياسىن، كەلگۈسى باسقۇچتا ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى شىئە ھۇسىيلەر ۋە ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرىنىڭ رولىنىڭ ئاياغلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ياسىن، بەھرەيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيىخ خالىد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد خەلىفە بىلەن بىرگە بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇسىي قۇراللىقلىرى ۋە سالىھ تەرەپدارلىرىنى دۆلەتنى ئۇل-ئەسلىھەلىرىنىڭ ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇش، ئىراننى توپىلاڭچىلارنى بۇ ھەقتە قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى. ياسىن، ئىراننى رايۇندا توقۇنۇشنى ئۇلغايتىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ دەپ ئەيبلەپ مۇنداق دېدى؛ « ھۇسىي قۇراللىقلىرىنىڭ يەمەن خەلقىگە قىلغانلىرى زور بىر جىنايەتتۇر. سۆھبەت ئۇچرىشىشى بولسا، دۆلەتتە ئىچكى مۇقىملىقنىڭ كاپالەتلىنىشى، قۇراللىقلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كومىتىتىنىڭ قارارىغا رىئايە قىلىشى ۋە قۇراللىرىنى تامامەن تاپشۇرۇشىدىن كېيىن باشلىنىشىنى مۆلچەرلىۋاتىمىز. ئەپسۇسكى، ئىران يىمەكلىك ئەشيالىرى ئەۋەتىىشى كىرەك بولغان تۇرۇپ ھۇسىي قۇراللىقلىرىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە جەڭ پاراخوتلىرى ئەۋەتىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ ۋە خۇددى رايۇندا توقۇنۇشنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشنى مەقسەت قىلغاندەك. ئىران ھەربىي ھەرىكەتنىڭ توختىتىلىشىنى بۇ ھەرىكەتنىڭ مەغلۇب بولغانلىقى دەپ قاراپ قالماسلىقى كىرەك».
يەمەن تاشقى ئشىلار مىنىستىرى ياسىن، كەلگۈسى باسقۇچتا ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەت ئۇچرىشىشىدا ھۇسىيلەر ۋە سالىھ تەرەپدارلىرىنىڭ رولى بار-يوقلىقى ھەققىدە، «يەمەنلىكلەر ئۈچۈن، ھۇسىيلەر ۋە سالىھ تەرەپدارلىرىنىڭ رولى تۈگىگەندۇر. ھۇسىيلەر ۋە سالىھ تەرەپدارلىرىنىڭ يەمەن ۋە يەمەن خەلقىگە قارىتا قىلغان جىنايەتلىرىدىن كېيىن يەمەن سۆھبىتىدە رولى بار دەپ قارىمايمەن. ئۇلارنىڭ ھازىرغا قەدەر يەمەنگە قىلغانلىرى يىتەر» دېدى.
بەھرەيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خەلىفە، «كەسكىن قارار بورىنى» ۋە «ئۈمىدكە قايتىش» ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر بىرىگە پاراللىل نسبەتتە داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە سىياسى، ھەربىي، ئىنسانىي ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئېيتتى. خەلىفە، «بىز ھەرىكەتلەرنىڭ توختىشىى ھەققىدە سۆز قىلمايمىز. ھەرىكەتلەر ھۇسىي قۇراللىقلىرىغا قارشى تۇرۇش ۋە يەمەنلىكەرنى ھۇسىي قۇراللىقلىرى تەرىپىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق ھۇجۇملاردىن قوغداش ئۈچۈن داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved