ئىران يادروسى سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى دائىرىلىرى ئۆزلىرنىڭمۇ يادرو قورالىغا ئېرىشىدىغانلىقى، يادرو قورالىغا ئىگە ئىراننى داۋاملىق چەكلەيدىغانلىقى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يادرو ھازىرلىقلىرى رىقابىتى كۆرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا جار سالغان.
ئانالىز قىلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بۇ قىلمىشى بىر خىل سىياسىي تاكتىكىسىنى نامايان قىلىش بولۇپ، تۈپ مەقسىتى: غەربكە بېسىم ئىشلىتىپ، ئىرانغا داۋاملىق بېسىم قىلىش.
ئۇنداقتا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئىستىكى بارمۇ-يوق؟ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى بارمۇ-يوق؟ ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستانى يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرسا قانداق بولىدۇ؟
سەئۇدى ئەرەبىستانى 20-ئەسىرنىڭ 70-، 80-يىللىرىدا ئىقتىسادىي، سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكى جەھەتتىكى ئېھتىياج تۈپەيلى يادرو ئېنېرگىيەسىنى تەتقىق قىلىشقا قىزىقىپ قالغان. 1978-يىلى كۇۋەيت ۋە قاتار بىلەن ھەمكارلىشىپ يادرو تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى كېلىشىمى يوققا چىققان، لېكىن سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇنىڭلىق بىلەن يادرو تەتقىقاتىدىن ۋاز كەچمەي، تەخمىنەن ئون يىللاردىن كېيىن رىيادنىڭ شەھەر سىرتىغا ئاتوم ئېنېرگىيەسى تەتقىقات مەركىزى قۇرغان ھەمدە تۇز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇردىغان ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تارقىتالايدىغان يادرو رېئاكسىيە قازىنى قۇرۇشقا ماس كېلىدىغان ئورۇننى بەلگىلىگەن.
ئامېرىكا يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرا شەرق رايونىنى يادروسىزلاشتۇرۇشقا كۈچىگەن، لېكىن سەئۇدى ئەرەبىستانى 1970-يىلى بارلىققا كەلگەن «يادرونى كېڭەيتىۋەتمەسلىك شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشنى ئىزچىل رەت قىلغان. 1988-يىلى ئېتىلىش مۇساپىسى 1900 كىلومېتىرلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مەخپىي قولغا چۈشۈرگەنلىكى ئاشكارىلىنىپ قالغان سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن ئامالسىز شەرتنامە ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. بۇنىڭدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ « يادرونى كېڭەيتىۋەتمەسلىك شەرتنامىسى»نى نائىلاج ئىمزالىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
21-ئەسىر كىرگەندىن كېيىن، يەنى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى گەۋدىلىنىشكە باشلىغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يادرو قوراللىرى توغرىسىدىكى ئىغۋالىرى كۆپىيىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دائىم دېگۈدەك خەۋەر قىلىشى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى خەلقئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندۇرىۋەتكەن.
بىر دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يادرو قورالىغا ئېرىشىشنىڭ پايدىسى ئىنتايىن روشەن. مانا بۇ بىر قىسىم دۆلەتنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشقا ئۇرۇنۇشتىكى سەۋەب. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قارىشىچە، يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئۇنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ، ئامېرىكىنىڭ «ھىمايىسى» دىن قۇتۇلدۇرالايدۇ ۋە ئىران بىلەن تىركىشىپ، ئۇنى ئەرەب دۇنياسىدىكى «باشلامچى» غا ئايلاندۇرىدۇ.
ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، سەئۇدى ئەرەبىستانى«يادرونى كېڭەيتىۋەتمەسلىك شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان دۆلەت، بۇ شەرتنامىنى ئىمزالىغان دۆلەتلەرنىڭ چوقۇم بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە بويسۇنۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئەگەر رىيادنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئاشكارلىنىپلا قالسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىن يالغۇز قويۇشىغا ۋە ئىقتىسادىي جازاسىغا ئۇچرايدىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى پۈتۈنلەي نېفىت سېتىشقا تايىندىغان ئوتتۇرا شەرق دۆلىتى، ئەگەر ئۇنىڭ نېفىت توشۇشى چەكلەنسە، دۆلەت ئىچىدە زور سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلار تۇغۇلىدىكەن.
شەك-شۈبھىسىزكى، ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاشكارا ھالدا يادرو تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانسا، ئېنىقلا ئامېرىكىلىقلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويىدىكەن. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قالسا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئوتتۇرا شەرقتە ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىكەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ پارسلار بىلەن قارشىلىشىشى ئەمەس، بەلكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشىمۇ تەسكە توختايدىكەن.
ئەمەلىيەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمى ئىمزالاشقا قارشى تۇرۇشىدىكى تۈپ مەقسىتى شۈكى، ئەگەر ئىران يادرو كېلىشىمى ئىمزالانسا پارسلار بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سۇقۇپ، ھەم يادرو بومبىسى ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جازالاش چارىلىرىدىن قۇتۇلىدىكەن. ئىراننىڭ چوڭ پايدىغا ئېرىشكەنلىكىگە كۆزى قىزارغان سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىراننى دورىماقچى بولسا ئاقتۇرالمايدىكەن، چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جازالاشقا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئىراننىڭكىگە يەتمەيدىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىسى ۋە ھەربىي سىستېمىسىنىڭ غەرب ئەللىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئىنتايىن كۈچلۈك. ناۋادا ئۇلار غەرب ئەللىرىدىن ئايرىلىپ قالسا، شۇ ھامان پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدىكەن ھەتتا ۋەيران بولىدىكەن.
يىغىپ ئېيتقاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى يادرو قورالى ياساش توغرىسىدىكى تۈرلۈك سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ «گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق» بولۇپ قالغان. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەقىقىي يادرو قوراللىرىغا ئېرىشىشى ئەمەلىيەتتىن خېلى يىراقتا. لېكىن ئىسرائىلىيە يادرو قورالىغا ئىگە بولغان كۈندىن تارتىپ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يادرو رىقابىتىنىڭ ئۇرۇقى تېرىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved