مەملىكىتىمىز تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە 27-نويابىر سائەت 5:24 دە ئۇزۇن سەپەر 4-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق يىراقتىن سېزىدىغان 29-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى.يىراقتىن سېزىدىغان 29-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ ئاساسلىقى ئىلمىي تەجرىبە، دۆلەت-زېمىن بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى مۆلچەرلەش، شۇنداقلا ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن سۈنئىي ھەمراھ ۋە توشۇغۇچى راكېتانى جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پەن-تېخنىكا گورۇھى شىركىتى قارمىقىدىكى شاڭخەي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكا تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان، بۇ ئۇزۇن سەپەر تۈرىدىكى توشۇغۇچى راكېتانىڭ 219-قېتىم ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved