ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو كابىنېتىنىڭ ئۈچ ئايال مىنىستىرى 18-ئۆكتەبىر ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلدى. بۇ-9-ئايدا ئابى شىنزو كابىنېتى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندىن بۇيان كابىنېت مىنىستىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىشى.
بۇ ئۈچ ئايال مىنىستىر بۇ يىل 9-ئايدا كابىنېت ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندە كابىنېتقا كىرگەن، ئۇلار ياپونىيەدىكى كونسېرۋاتىپ ئايال سىياسىيونلارنىڭ ۋەكىللىرى.
ياسۇكونى ئىبادەتخانىسى 17-ئۆكتەبىردىن 20-ئۆكتەبىرگىچە كۈزلۈك نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزىدۇ، ئابى شېنزو 17-ئۆكتەبىر «كابىنېت باش ۋەزىرى» نامى بىلەن نەزىرلىك بەردى. بۇندىن باشقا، پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن «ھەممەيلەن ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىش پارلامېنت ئەزالىرى كېڭىشى» 17-ئۆكتەبىر ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى كوللېكتىپ تاۋاپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نەق مەيدانغا كەلگەنلەردىن 110 كىشى بار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved