فىرانسىيە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىنى مەجبۇرىي توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، پارىژ، 4- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابيۇس خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى ئىسرائىلىيە ۋە «خاماس» قا زورلاپ تېڭىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئۆز ئالدىغا سۆھبەتلىشىشكە ئامالسىز قاپتۇ. 
فابيۇس قاتتىق پوزىتسىيە بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىغا بالىلارنى قىرغىن قىلىش ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش باھانە بولالمايدۇ ». گەرچە فىرانسىيە ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولسىمۇ، فابيۇس بۇ قېتىم ئاز باياناتىدا ئۇچرايدىغان تەنقىد سۆزلەرنى بىۋاسىتە ئىشلەتكەن.
فابيۇسنىڭ ئالدى بىلەن ئۇرۇشنى توختىتىش، ئاندىن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەل قىلىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا جەمئىيەت مەجبۇرىي ھالدا مەسىلىنى ھەل قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇشى كېرەك. چۈنكى ئىككى تەرەپ كۆپ قېتىم مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سۆھبەتلىشىشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى».
رېيتىر ئاگېنتلىقى، لوندون، 4- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى 4- ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە ئىسرائىلىيە بىلەن <خاماس> نىڭ غەززە رايونىدىكى توقۇنۇشىنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىسرائىلىيەگە ئېكسپورت قىلىدىغان بارلىق قورال - ياراغلارنىڭ ئىجازەتنامىسىنى قايتىدىن تەكشۈرۈۋاتىدۇ».
رېيتېر ئاگېنتلىقى، قاھىرە، 4-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: «خاماس» ۋە ئىسلام غازات تەشكىلاتىدىن چىققان پەلەستىندىكى ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى 4- ئاۋغۇست قاھىرەدە مىسىرنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىرى بىلەن بىرلىكتە تۇنجى قېتىم سۆھبەتلىشىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى ئۈمىد قىلدى.
رېيتېر ئاگېنتلىقى، غەززە/ يېرۇسالېم، 4- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇزۇلغانلىقى ئۈچۈن، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە بىر - بىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مەقسىتى ئۇرۇش ئوتىدا پۇچۇلانغان غەززە رايونىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەش ئىدى.
پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە غەززەدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرىنى بومباردىمان قىلىپ، سەككىز قىزنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 29 ئادەم يارىلانغان. ئىسرائىلىيەنىڭ ئېيتىشىچە، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە ئاز دېگەندىمۇ تۆت قېتىم راكېتا قويۇپ بېرىلىپ، ئىككىسى ئىسرائىلىيەدە پارتلىغان.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، غەززە، 4- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: تېببىي خادىملارنىڭ - ئاۋغۇست ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلاپ ئالتە مىنۇتتىن كېيىنلا غەززەدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ۋەقە يۈز بەرگەن رايون ئەتراپىدىكى مېھمانخانىدا تۇرۇۋاتقان بىرەيلەن ھەمدە فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىدىكى بىر نەچچە مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار «16-F» بەلگىلىك بىر جەڭ ئايروپىلانىدىن قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا دېڭىز بويىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ ئۈچ قەۋەتلىك بىناسىغا چۈشكەن.
ئې ف ئې ئاگېنتلىقى، يېرۇسالېم، 3- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، «خاماس» قا پايدىسىز بولغان ئۇچۇر ۋە ئىسپاتلارنى توپلاشقا باشلىدى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىش ئېھتىماللىقىغا تاقابىل تۇرماقچى بولدى.
ئىسرائىلىيەدىكى «دىيار گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ گۇرۇپپىغا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پىلان ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى نىمرود شېفېر رەھبەرلىك قىلىدىكەن. بۇ گۇرۇپپا ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى، جەنۇبىي قوماندانلىق ئىشتابى، غەززە ھەربىي رايونى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىدىكىلەردىن تەشكىل تاپقان ئىكەن. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ پۇقرالارنى ئادەم قالقان قىلغانلىقىغا ئائىت ئىسپاتلارنى توپلاش، بولۇپمۇ ھاۋا ئارمىيەسى ئىگىلىگەن سىن كۆرۈنۈشى ماتېرىياللىرىنى توپلاشتۇر.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 3- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: ئامېرىكا 3- ئاۋغۇست ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى ب د ت نىڭ بىر مەكتىپىنى «نومۇسسىزلارچە» بومباردىمان قىلغانلىقىدىن قاتتىق «چۆچۈگەنلىكى» نى بىلدۈردى. ئامېرىكا بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى قاتتىق تەلەپپۇزدا ئەيىبلىدى.
ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىموننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قىلمىش ئەخلاققا يات زوراۋانلىق قىلمىشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە جىنايى قىلمىش ھېسابلىنىدىكەن. ب د ت نىڭ پەلەستىندىكى مۇساپىرلار خىزمىتىگە مەسئۇل باشقۇرغۇچىسى پىئېرى كرائېنبۇلنىڭ دېيىشىچە، پاناھ جايغا ھۇجۇم قىلىش خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەن.

 



خەتكۈچلەر:
06-08-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئابۇشايۇف» 4- ئاينىڭ 25- كۈنى 68 ياشلىق كانادالىق تۇتقۇننى ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئەمما نۆۋەتتە مەزكۇ...
27-04-2016
     26-ئاپرېل، گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى جاكارلىغان: يەر يۈزىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ  تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىركىتىمىز 27-ئاپرېلدىكى 900 گە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئە...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇسى CNBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىيۇكسۇمبۇرگ يېقىندا بىت كويىن سودا شىركىتى Bitstamp نىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى تەستىقلىدى، بۇ ياۋروپادىكى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قوبۇل قىلغان تۇنجى بىت كويىن سودا ئورگى...
27-04-2016
    ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تەسىرىدىن ۋېنسۇئېلا ئېغىر ئېلېكتىر كۈچى كرىزىسىغا دۇچ كەلدى. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ يەر ۋاقتى 26-چېسلا مۇنداق دېگەن: ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» گە زەربە بېرىش جېڭىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر...
27-04-2016
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيەنى ياۋرپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگەنلىرىنىڭ ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا يېڭى ئەسكەرتىش چىقىرىپ: ئىشەنچىلىك بىشارەتلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، تۈركىيە ساياھەت رايونلىرى تېررور...
27-04-2016
   ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى فىرانسىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ 6- قانىلىدا بۇلتۇر 11-ئايدا پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق دېلوسىدىكى بىر نەپەر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قوزغىغۇچىنىڭ بومبىن...
27-04-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نوكىيا ئالاقە تورى ساغلاملىق ئىنقىلابىدىكى ئاۋانگارت ۋە ئالدىدا ماڭغۇچى Withings نى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 170 مىليون ياۋرو (تەخمىنەن 190 مىليون ...
27-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 26-ئاپرېل، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان.
Powered by Leglek